جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى : چەتئەل تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، فرانسىيە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردلارغا ئىككىنچى قېتىملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنى «ئىسلام دۆلىتى» دەپ ئاتىۋالغان ئاشقۇن تەشكىلاتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئاز سانلىقلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس باياناتىدا كۇردىستاننىڭ مەركىزى ئېربىلغا 20 توننا دورا، چېدىر ۋە سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى ھاۋادىن يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە يەنە بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ياردەم بېرىپ، ئىنتايىن خەۋپ ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
فرانسىيە 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېربىلغا بىرىنچى تۈركۈم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بەرگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved