Uber نىڭ كورىيەدە تىجارەت قىلىشى چەكلەندى

ۋاڭيى پەن تېخنىكىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.

 

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا كورىيە پەيشەنبە كۈنى ماشىنا چاقىرىش مۇلازىمىتى Uber نىڭ بۇ دۆلەتنىڭ شوپۇرلىرىغا قارىتا يېڭىدىن تىزىملاش قائىدىسى قۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى. ھەمدە بۇ ئامېرىكا شىركىتىنىڭ كورىيەدىكى تىجارىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

چارشەنبە كۈنى Uber يېڭى تىزىملاش قائىدىسى چىقارغان. بۇ ئارقىلىق كورىيە نازارەتچىلىك تارماقلىرىنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ شوپۇرلىرىنىڭ مەزكۇر دۆلەتتە قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشىغا يول قۇيۇشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. كورىيەدە Uber نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىراۋىس كالانىك ۋە بۇ شىركەتنىڭ كورىيەدىكى تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى مەزكۇر دۆلەتنىڭ تاكسىي تىجارىتى ئىجازات بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن.

 

بىراق كورىيە قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىكى مەزكۇر دۆلەتنىڭ تاكسىي بازىرى ھازىر تۇيۇنغان ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر بار بولغان قائىدىدىن سىرت يەنە بىر پاراللىل تاكسىي تىزىملاش قائىدىسى چىقىرىشنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بىلدۈرگەن.

 

ئۇ بىر باياناتتا مۇنداق دېگەن : « شەخسىي ئاپتوموبىل ياكى ئىجارە ئاپتوموبىلى ئارقىلىق تۇشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانسا ،ھەم بىرلا ۋاقىتتا تۇلۇقلىمىدىن بەھىرلەنسە بۇ ئەلۋەتتە قانۇنغا خىلاپ. بۇ شىركەت مۇشۇ ئارقىلىق داۋاملىق مۇشۇنداق تىجارەت قىلىشى بۇ يەرنىڭ قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ.»

 

كورىيە قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىكى Uber نىڭ تىجارىتىنى داۋاملىق چەكلەيدىغانلىقىنى، ھەم قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاخىرقدا بۇ مۇلازىمەتنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

بىر Uber نىڭ بايانات ئېلان قىلغۇچىسى بۇنىڭغا قارىتا سۆز قىلىشنى رەت قىلدى.

 

قۇرۇلغىلى ئاران تۆت يىل بولغان Uber ئابونتلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ئارقىلىق ماشىنا چاقىرىشغا ياردەمدە بولغان، ھەمدە بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەنقىدكە ئۇچرىغان. بىراق بۇ شىركەت پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا شىددەت بىلەن كېڭىيىپ ھازىرغىچە 250 دىن ئارتۇق شەھەردە مەزكۇر مۇلازىمەتنى يولغا قويغان.

 

بۇ يىل يانۋاردا سىئول شەھىرى پۇقرالارنى شەخسىي ماشىنا ياكى ئىجارىگە ئالغان ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ Uber ئارقىلىق تۇشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى پاش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشقا باشلىغان. ھەم پاش قىلغۇچىلارغا 10 مىڭ ۋون ( تەخمىنەن 929 ئامېرىكا دوللىرى ) بىلەن مۇكاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

 

ياۋروپادا بىلگىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر Uber نىڭ تاكسىي ماشىنا نومۇر قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇ شىركەتنىڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى چەكلىگەن.



خەتكۈچلەر:
10-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ۋاڭيى تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
    بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى نۆۋەتتە بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردا دېگۈدەك كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ شەكلى ۋە ئىقتىدارىدىمۇ ئۈزلۈكسىز دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولۇۋاتىدۇ. يىقىندا، LG شىركىتى ئەينەكتىن تۈزۈ...
02-05-2016
   شىياۋمى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆزىنىڭ چوڭ ئېكرانلىق يانفونى شىياۋمى Max نى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىللە ئېلان قىلىدىغان يەنە بىر يېڭى مەھسۇلاتى بولسا، 2-ئەۋلاد شىياۋمى بىلەيزۈكى. ئىلگىرى شىياۋمى قۇرغۇچىسى لېيجۈن بىلەن ئ...
01-05-2016
يېقىندا، MSN خەنزۇچە تورى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە خەتلىك مۇلازىمىتىنى توختىدىغانلىقىنى ھەمدە ئابونتلارنىڭ بۇندىن كېيىن بۇ تور بېكەت تەۋسىيە قىلغان باشقا تور بېكەتلەرنى داۋاملىق زىيا...
01-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئىگىلىگەن ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، ئالاقە تورى Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى زاكېربېرگ (Zuckerberg) ئالدىنقى يىلى ئۆزىنىڭ شەخسى ئامانلىقىنى قوغداش ئۈ...
01-05-2016
     يېقىنقى بىر قېتىملىق سۆھبەتتە، تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك شىركەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد ئاپتوموبىلى توغرىسىدا توختالدى. ئېلون ماسىك نورۋېگىيە ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن كەلگۈسى قاتناشنى ھەل قىلىش يىغى...
01-05-2016
گۇگېل شىركىتى نەچچە يىلدىن بېرى كۆپلىگەن Nexus ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىپ كەلدى، شۇنداقلا ئابونتلاغا ئەڭ ساپ ئەسلى Android ئارتۇقچىلىقلىرىنى ھېس قىلدۇردى. مەھسۇلات لىنىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، گۇگېل شىركىتى Nexus تاختا كومپىي...
30-04-2016
    تەيۋەن تاراتقۇلىرىدىن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما iPhone7/Plus يانفونلىرى 3-باسقۇچلۇق سىناقنى تاماملىغان، ئەگەر باشقىچە ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ لايىھەسىدە ئانچە كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. ئېيت...
30-04-2016
    بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا Galaxy J72016 ۋە Galaxy J5 2016 نۇسخىلىق يانفونلار ئېلان قىلىنغان ئىدى، بۈگۈن سامسۇڭ شىركىتى بۇ ئىككى خىل نۇسخىدىكى يانفونلارنىڭ كورىيەدە رەسمىي بازارغا سېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.  نۆۋە...
30-04-2016
     پەن-تېخنىكا تورى خەۋىرى. بەل، دۈمبە ئاغرىش ئىشخانا خىزمەتچىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. ئۇزاق ۋاقىت ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكى، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئۆزگىرىش، بەل ئارىلىق ...
30-04-2016
    چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق دېگەن، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز قىرغىقى ئوراپ تۇرغان پىششىقلاپ ئىشلەش بەلبېغىدا، نەچچە مىڭ زاۋۇت ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن بىر مەيدان ماشىنا ئادەم ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرىدىغان، دۇ...
Powered by Leglek