يېقىنقى خەۋەردە ،ئەگەر خانلىق مادرىد كۇلۇبى مانچېستىر شەھەردىكى ئاگۈيرو ياكى لېۋېرپولدىكى سۇئارېز بۇ ئىككى توپچىدىن بىرسىگە ئېرىشەلىسە ، ئۇ چاغدا فىرانىسيە پارىژ سانت ژىرمان كۇلۇبى دەرھال بېنزىمانى يۆتكەشكە ئاتلىنىدۇ دىيىلگەن بولۇپ ،بىراق تۈنۈگۈنكى « ئورگان مەخپىيەتلىك گېزىتى » ۋە بۈگۈنكى « ماركا گېزىتى » نىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا ،كەرىم -بېنزىما يەنىلا خانلىق مادرىدتا قالىدىكەن .ھازىر كۇلۇب بېنزىما بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام ئىمزالاشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ .شۇنداق بولغاندا بۇ فىرانسىيەلىك توپچى مادرىدتا « مەڭگۇلۇق بېنزىما » بولۇپ قېلىشى مۇمكىن !
بېنزىما بىلەن كۇلۇب ئوتتۇرسىدىكى توختام 2015-يىلى يازدا توشىدىغان بولۇپ ،خانلىق مادرىد بېنزىما بىلەن چوقۇم مۇشۇ پەسىل ئاخىرلىشىپ بولغىچە توختام ئۇزارتمىسا بولمايدۇ .بولمىسا توختام ۋاقتى توشىدىغان يىلغا كەلگەندە باھاسى چۈشۈپ كەتسە بۇ مادرىدقا پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ .ئەمدى مادرىد توپ مەستانىلىرىنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا ئەندىشە قىلىشى ھاجەتسىز . خەۋەرگە قارىغاندا ، بېنزىما ھازىر كۇلۇب بىلەن توختام ئۇزارتىش ئىشىنى باشلاپ بوپتۇ .بېنزىمانىڭ ئارزۇسى بولسا مادرىد بىلەن 2018-يىلغىچە ،ھەتتا 2020-يىلغىچە توختام ئىمزالاش .مۇبادا ئالتە يىل توختام ئىمزالىسا ئۇ چاغدا بېنزىما 32 ياشقا كىرىدۇ .بۇ پەسىلنىڭ بېشىدا بېنزىمانىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغان .مەستانىلەر بېنزىماغا قارىتىپ ئىسقىرتىپ نارازىلىقى بىلدۈرگەن .ئەمما بىر مەزگىل بۇرۇختۇملۇقتىن كېيىن بۇ توپچى تېزلا ئىپادىسىنى تېپىۋالدى .بۇ پەسىل ھازىرغا قەدەر خانلىق مادرىد ۋە فرانسىيە دۆلەت كوماندىسدا جەمىي 20 توپ ئۇرۇپ بولدى .ئۆزىنى قايتا ئىسپاتلىغاندىن كېيىن مەيداندا يەنە « بېنزىما » دېگەن سادا ياڭراشقا باشلىدى .
![]() |
باش تىرېنېر جەن شۇپىڭغا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە 8–مارت قىزىلبايراقدارى››دەپ نام بېرىلدى .
جىڭ بو، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش پائال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved