1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىسرائىلىيەنىڭ تېلاۋىفتىكى ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىر يارىلانغان ئىسرائىلىيەلىك ئەرنى ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز ساھىلى شەھرى تېلاۋىفتا يۈز بەرگەن ئوق چىقىرىش ۋەقەسىدە ئىككى كىشى قازا قىلىپ، يەتتە كىشى يارىلانغان. ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ تاراتقۇلارغا دوكلات بېرىپ، چۈشتىن كېيىن، بىر قورال كۆتۈرگەن ئەر تېلاۋىفنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىر قەھۋەخانىدا ئوق چىقىرىپ ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلىشىنى، يەتتە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە، ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ ۋە ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى تېلاۋىف شەھرى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىي قىسىم رايونلىرىدا بۇ ئەرنى ئىزدىمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved