2-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،ئىككى دانە تىرىك توخۇنى يۈك-تاق خالتىسىغا سېلىۋالغان بىر ئەر ۋېنجۇ جەنۇبىي ۋوگزالىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندە خادىملار تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. بۇ ئەر تىرىك ھايۋانلارنى دىنامىكىلىق پويىزغا ئېلىپ چىقسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، باشقىلاردىن بىر تال پىچاق ئۆتنە ئېلىپ، ۋوگزالنىڭ سىرتىدىلا توخۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئىچ-باغرىنى ئېرىغداپ بولغاندىن كېيىن پويىزغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ ئەرنىڭ فامىلىسى لى بولۇپ، ۋېنجۇدا ئىشلەمچىلىك قىلغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا توخۇ بېقىپ كەلگەنىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەسلىدە بۇ ئىككى توخۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئۆيدىكىلىرىگە يېدۈرمەكچى بولغان ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved