ئىراق ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىنارا ئۆلكىسىدىكى ئىككى جايدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىق كۈچلىرى كونترول قىلىۋاتقان بازارغا ھۇجۇم قوزغىدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشىدا ئاز دېگەندە 21 كىشى قازا قىلدى.
6-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر ئىراقنىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەت زېمىنىنى كەينى-كەينىدىن ئىگىلىۋالدى. ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئىراقتىكى قەبىلە قوراللىق كۈچلىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ياردىمىدە ئۈزلۈكسىز قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، قولدىن بېرىپ قويغان بەزى جايلارنى پەيدىن-پەي قايتۇرۇۋالدى.
بىلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نېفىت بازىرىنىڭ خارابلىشىشى رۇسىيەدە ساقلىنىپ قالغان باشقا ساھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلار گۈللەپ ياشناش ئۇسۇلىنى تاپتى.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن مالىيە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved