ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 14-ئاۋغۇست، ئامېرىكىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنجار تېغىغا ۋەزىپە ئۆتەشكە ئەۋەتىلگەن كۆپ قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ يېقىندا چېكىنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ سىنجار تېغىغا قامىلىپ قالغان ئىراق پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ياكى بۇ جايغا ھاۋادىن يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك سۇ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل 6-ئاينىڭ باشلىردىن بۇيان، لىۋان باشچىلىقىدىكى ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلات ئىراقنىڭ شىمالىي، غەربىي ۋە شەرقىي قىسىمدىكى كۆپ قىسىم زېمىنى ئىگىلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، بۇ تەشكىلات كورد قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن شىمالدىكى نىنەۋى ئۆلكىسىنىڭ سىنجار بازىرى بىلەن زېمار بازىرى قاتارلىق جايلارنى تارتىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ جايدىكى تەخمىنەن 200 مىڭ كىشى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلدى، بۇ تەشكىلات ئارقىدىن ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ خرىستىيان دىنى شەھىرى بولغان قارا قوش شەھەر بازىرىنى ئىگىلەپ، نەچچە ئون مىڭ كىشىنىڭ يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئەڭ دەسلەپكى باھالاشلاردىن قارىغاندا، سىنجار تېغىدا ئىراقتىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئايسىدىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 مىڭ كىشى قامىلىپ قالغان بولۇپ، ئەسەبى تەشكىلاتلار ئۇلارغا قارىتا ئىرقى قىرغىنچىلىقنى يولغا قويغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved