گېرمانىيەلىك 100 مىڭ ئەسكەرنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ لوندوندىن ئىشغال قىلىش پىلانى

       1944-يىلى ئىيۇندا ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن گېرمانىيە ئارمىيىسى پۈتۈن سەپ بويىچە يېڭىلىشكە باشلىدى، ئەسىرگە چۈشكەن گېرمانىيىلىك ئەسىرلەر پاراخوت ئارقىلىق فرانسىيىدىن ئەنگلىيىنىڭ ماچاند، دېۋىز قاتارلىق رايونلىرىدىكى ئەسىرلەر لاگىرىغا يۆتكەپ كېلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ بىرقانچە ئەسىرلەر لاگېرىدىكى ئەسىرلەر 100مىڭغا يەتتى. شۇ يىلى 20-نويابىر سەھەردە 23ئەسىرلەر لاگېرىدىن 10ئەسىرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى بايقالدى، ئۇلار تۈن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ، تىكەنلىك سىم توردىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ قېچىپ كەتكەن بولۇپ، نەچچە كۈنلۈك قاتتىق ئىز قوغلاپ ئاختۇرۇش نەتىجىسىدە، قاچقۇنلار ئارقا ئارقىدىن قولغا چۈشتى ۋە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامېرىكىنىڭ پاراشۇتچىلار پولكىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. تەجرىبىلىك خادىملارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 1-دەرىجىلىك ئەسكەر ستوۋىچ كىشىنى ھەيران قالدۇرغان بىر قېتىملىق قېچىش پىلانىنى ئىقرار قىلدى.ستوۋىچنىڭ ئېيتىشىچە، 1944-يىلى «مىلاد بايرىمى» ھارپىسىدا ئەسىرلەر لاگېرىدىكى بارلىق ئەسىرلەر بىرۋاقىتتا تۈرمىدىن قاچماقچى بولغان، بۇ ھەرىكەتنى ئېسئېسچىلار ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يەنە بىر تۈركۈم جاسۇسلارمۇ بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان، دەسلەپتە قاچماقچى بولغان ئەسىرلەر خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيىسىدىن ئايروپىلان، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن تانكا ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى بۇلاپ، قالغان ئەسىرلەرنى تولۇق قۇتقۇزۇپ چىقىپ، لوندوننى ئىشغال قىلىش، شۇنداقلا گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ماسلىشىپ شەرقىي ئەنگلىيىگە بۆسۈپ كىرىپ، بۇيەردە گېرمانىيە پاراشۇتچىلار قىسمى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە نۇفۇك دېڭىز ساھىلىدىكى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ تاشلاپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا ئوڭۇشلۇق چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكچى بولغان.

ئەنگلىيە تەرەپ ستوۋىچنىڭ ئىقرارىغا ئىشەنمىدى. كېيىن گوللاندىيىنىڭ «گېرمانىيە ئىككى دىۋىزىيە ئەسكىرى كۈچ بىلەن ئەنگلىيىنىڭ لوندونغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ئاخباراتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشەندى.

     ئۇ بۇ پىلاننى ئاشكارىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر ئەسىرلەر لاگېرىدىكى ناتسىست ئەمەلدارلارنىڭ 16-دېكابىر قېچىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە ھەرىكەتنىڭ شۇ كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى.

     شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پاراشوتچىلار دېۋىزىيىسى ئىنتايىن مەخپىي ھالدا ھەرقايسى ئەسىرلەر لاگېرىدىكى گېرمانىيىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارىنى تۇتۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ ئىشنى پەقەت شۇ ئىشقا مەسئۇل بىرقانچە ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. لېكىن 17-دېكابىر ئەنگلىيە «تېز گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئەسىرلەت لاگېرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بەزى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قىلىپ، ستارشى لېيتېنات ھېسنى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولدى، لېكىن ھېس زىيارەتنى رەت قىلدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئايال مۇخبىر كامىرلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ، قاراۋۇللۇقتىن قالدۇرۇلغان بىر ئەسكەردىن بۇ مەخپىيەتلىككە ئېرىشتى ۋە ئەتىسى گېزىتتە ئېلان قىلىۋەتتى.

    ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. 50يىل ئۆتۈپ كەتتى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ خەۋەر ئاخىرى ئاشكارىلاندى. پولاتتەك پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ناتسىستلار گېرمانىيە ئەسىرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەنگلىيىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان.



خەتكۈچلەر:
22-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
        ياڭ گۇيفېي ‹‹ماۋېي ئۆتىڭى ئۆزگىرىشى››دە ئۆلگەن، كونا-يېڭى ‹‹تاڭنامە›› لەردىكى ئوردا خاتىرىلىرى ياكى ئەل ئىچىدىكى يازما ھېكايە، توپلاملاردا، ھەتتا تاڭ، سۇڭ سۇلالىرىدىن كېيىنكىلەر يازغان شېئىر-نەزملەردە بولسۇن، ...
05-02-2016
  گىرمانلار تارتقان100يىل ئاۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمى
05-02-2016
      10. كلوۋىس مەدەنىيىتى       مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن        شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان         بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
03-02-2016
    رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.  يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار      مىلادىي...
28-01-2016
      23-يانۋار، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات يۇرتى خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى يىچۈەن ناھىيەسى شۈياڭ قەبرىستانلىقىدىكى بىر چوڭ تىپتىكى قەبرىنى ئارخېئولوگىيەلىك قازغان ھەمدە ق...
21-01-2016
     ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارخېئولوگلار يېقىندا كېنىيەدىكى بىر لاگۇنا (قۇملۇق يانتۇلۇقلار ئارقىلىق دېڭىزدىن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان كۆل) دا 27 دانە ئادەم جەسىتى بايقالغان. بۇ 27 دانە ئادەم جەسىتى ئى...
19-01-2016
        ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىملار يېقىندا ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا 118 مىڭ يىل ئىلگىرىكى تاش قورالنى بايقىغان بولۇپ، بۇ تاش قوراللار تارىختىن بۇرۇنقى پەتەك ئادەملەرگە مەنسۇپ بولۇشى م...
18-01-2016
      كىشىلەر تىلىۋېزور قاناللىرى ۋە تاراتقۇلاردا ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر كۆرگەندە، چوقۇم بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىن تېخىمۇ قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋىليام فوكۇس ...
18-01-2016
         500 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېنگلاند پادىشاھى رىچاد Ⅲ نىڭ جەسىتىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانىدى. 2012-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لېيسېستېر شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن بىر ئىسكىلىت قېزىۋېلىندى. 2013-يىلى 2...
16-01-2016
     1-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى شۇەنياڭ ناھىيىسى جاۋباۋ بازىرى شىجاۋ كەنتىدىكى مەلۇم تۆپىلىكتە، لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە ئاكادىمىيسىنىڭ  خىزمەتچى خادىملىرى شۇ يەردىن باي...
Powered by Leglek