جۇڭگو ئاخبارات تورى، 8-ئىيۇن تېلېگراممىسى: كورېيە ساقلىقنى ساقلاش مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 8-ئىيۇن ئېلان قىلىشىچە، كورېيەدە يەنە 23 كىشى ئوتتۇرا شەرق نەپەس ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(MERS)گە گىرىپتار بولغان، بۇنىڭ بىلەن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى 87گە يېتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، گىرىپتار بولغۇچىلار ئاساسەن دېگۈدەك دوختۇرخانىدا بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان، جەمئىيەتكە تاراپ كەتمىگەن. كورېيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى شۇ كۈنى ھۆكۈمەت كورېيە خەلقىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن يۇقۇملانغۇچىلار بار دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق، سېئولدىكى سامسۇڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دوختۇرخانا كورېيەدىكى داڭلىق، چوڭ دوختۇرخانا بولۇپ، كۈندە 10 مىڭغا يېقىن ئادەم كىرىپ-چىقىدىغان بولغاچقا، ۋىرۇسنىڭ جەمئىيەتكە تاراپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved