دۇنيادىكى تۇنجى 8GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفون مەيدانغا كەلدى

      خۇاچىياڭ ئېلېكترون كەسپى تەتقىقات ئورنى يانفون ۋە ئېلېكترون كەسپى ئانالىزچىسى فەن جىيۇتاڭنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى 6GB ھەتتا 8GB بولغان يانفونلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە قىسىم كومپيۇتېرلارنى بېسىپ چۈشىدىكەن. يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا، مەلۇم بىر چەتئەل كارخانىسى يىقىندا 8GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن يانفوننى ئېلان قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يانفون يەنە Windows 10 سىستېمىسىنىمۇ قوللايدىكەن.


       Nurve Technologiesناملىق بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولغان SyncPhone يانفونى يىقىندا indiegogo سۇپىسىدا مەبلەغ توپلاشنى باشلىغان، بۇ يانفون «دۇنيا بويىچە ئىقتىدارى ئەڭ تولۇق يانفون» دەپ تەرىپلەنگەن.

ئىگەللىنىشىچە، بۇ يانفوننىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسى بولۇپ، 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن SyncPhone ۋە SyncPhone S نۇسخىسى شۇنداقلا 8GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن SyncPhone Pro ناملىق نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 199، 299 ۋە 499 دوللار ئىكەن.

      بۇنىڭ ئىچىدە، SyncPhone、SyncPhone S يانفونلىرىغا ئىنتېل Atom X5-Z8300、Z8500 بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن، SyncPhone Pro گە بولسا Atom X7-Z8700 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. كامېرا ئېنىقلىقى 20 مىليون بولۇپ، ساقلىغۇچ سىغىمى 128GB گە يېتىدىكەن، micro SD كارتىسىنى قوللايدىكەن. ئۈچ خىل نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىگە 5.4 دىيۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قوش كارتىنى تەڭ قوللايدىكەن. ئۇندىن باشقا، بۇ يانفونلارنىڭ ئاساس گەۋدىسى ئاليۇمىن قېتىشمىسىنى ماتىرىيال قىلغان بولۇپ، چەكمە قەلەممۇ سەپلەنگەن. ئەڭ يارقىن نۇقتىسىغا كەلسەك، ئاندىرويىدتىن باشقا، يەنە ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىدىكى Windows 10 سىستېمىسى (Win10 Mobile ئەمەس) نىمۇ قوللايىدىكەن.

     مەسىلە شۇكى، 5.4 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن يانفونغا Windows 10 سىستېمىسىنى قاچىلاشنىڭ زادى ئەھمىيىتى بارمۇ-يوق؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مەبلەغ توپلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئۇنداقتا بۇ يانفون كېلەر يىلى 2-ئايدا رەسمىي مال چىقىرىشنى باشلايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek