خەلقئارا لىنيەسىنىڭ خەۋىرى: 15-چېسلا بولسا پەلەستىننىڭ 66-قېتىملىق ئاپەت كۈنى .پەلەستىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىدىكى شەھەر رامئاللاھ دا خاتىرلەش پائالىيتى ئۆتكۈزگەن.
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقدا توقۇنۇش يۈز بىرىپ ئىككى نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پەلەستىن ئاپەت كۈنىدە، شەرقىي ئېرۇسالىم بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى پەلەستىن خەلقى يەنە خاتىرلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان.ئېرۇسالىمغا ئەڭ يېقىن بولغان كاراندىيا تەكشۈرۈش پونكىتدا تاش پارچىلىرى ئاتقان پەلەستىن ياشلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئارىسدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئىسرائىلىيە ئارمىيسى پەلەستىنلىك ياشلارغا قارىتىپ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان. قىستا-قىستاڭغا تولغان يول ،كۆيدۈرۋىتىلگەن ماشىنا چاقلىرى نەخ مەيداننى ئىنتايىن قالايىمقان تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغان. شۇ كۈنى جەمئىي ئىككى نەپەر پەلەستىنلىك ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقدىكى توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
شۇ كۈنى چۈشتە ، پەلەستىن خەلقى رامئاللاھدىكى ئارافاتنىڭ قەبرىسى ئالدىغا يىغلىپ بۇ ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇلۇغ زاتقا گۈل چەمبىرەكلەرنى قويغان. كۆپلىگەن مەكتەپلەردىن كەلگەن بالا ئەسكەرلەر ئارقا-ئارقىدىن داقا-دۇمباق سادالىرنى ياڭرىتىپ شەھەر مەركىزدىن پىيادىلىك مېڭىپ ئارافاتنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كىلىپ 66-قېتىملىق ئاپەت كۈنىنى خاتىرلەش پائالىيتى ئېلىپ بارغان. بىراق يەنىمۇ كۆپلىگەن پەلەستىنلىكلەر شەھەر مەركىزدىكى شىر مەيدانى ئەتراپىغا يىغىلشقان بۇلۇپ، ئۇلار قوللىرىدا پەلەستىننىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە قارا رەڭلىك قايتىپ كىلىش بايرىقنى كۆتۈرشۈپ كىشىلەرنى ھوقۇقىنى قايتۇرۋېلىشقا ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى پەلەستىن مەسلىسگە دىققەت قىلشقا چاقىرغان.
1948-يىلى ئىسرائىليە دۆلتى قۇرۇلغاندىن بۇيان كۆپلىگەن پەلەستىن پۇقرالىرى سەرگەردان بولدى.ئۆتۈپ كەتكەن 66 يىلدا پەلەستىن خەلقى نۇرغۇن زىمنىدىن ئايرىلىپ قالدى.بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار داۋاملىق يەنىمۇ كۆپ زىمنىدىن ئايرىلىپ قالماقتا.بىر خاتىرلەش پائالىيتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن پەلەستىنلىك كىشى مۇنداق دەيدۇ:‹‹بىزنىڭ ئىسرائىليە تەرپىدىن ئۆز دۆلتىمىزدىن ئايرىلغىنمىزغا 66يىل بولدى، ھازىر يەنىلا مۇشۇ يەردە.مىنىڭ ئۈمۈد قىلدىغنىم ئۆزۈمنىڭ دۆلتىگە قايتىپ كىتىش.››
ئۆتكەن 66 يىل مابەينىدە ،خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن بىلەن ئىسرائىليەنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپ پەلەستىن مەسلىسنىڭ ھەل بۇلشىنى ئۈمۈد قىلىپ كەلدى. بىراق تىنىچلىق سۆھبىتى ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ داۋاملىشىپ ھېچقانداق ئەمىليەتچىل بىر نەتىجە چىقمىدى. سۆھبەتلىشىشكە قارىتا زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەممىسى قۇيۇق تىراگىدىيەلىك كەيپىياتىنى ئىپادىلگەن.كۆپلىگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ قەلبىدە ئىسرائىلىيە ھەرگىزمۇ ئىشنىشكە بۇلدىغان سۆھبەتلەشكۈچى ئەمەس.بىر يېشى يەتمىشتىن ھالقىغان پەلەستىنلىك بوۋاي كەلگۈسىنى تىلغا ئالغاندا قىلچە يۇشۇرماستىن پەلەستىننىڭ كەلگۈسى بەلكىم تېخىمۇ زۇلۇمەتلىك بۇلشى مۇمكىن:‹‹ھېچنەرسە قالمىدى،خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىننى نەزەردىن ساقىت قىلۋەتكىنگە ئاللىقاچان 66 يىل بولدى.ھېچقانداق ئادەم پەلەستىنگە نەزىرنى قويمىدى.مەن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئازراقمۇ ئىشەنمەيمەن.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىكار قىلنىشى كىرەك››.
ئىسرائىليە دۆلىتنىڭ قۇرۇلغىنغا ئاللىقاچان 66 يىل بولدى.بىراق پەلەستىن خەلقى يەنىلا تىرشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ دۆلىتنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.زىمىن چېگراسى ئىسرائىلىيە ئارمىيسى تەرپىدىن كونتىرول قىلنغان ،شەرقىي ئېرۇسالىم بېسۋېلىنغان..........نەچچە ئون يىللىق قارشىلىق ئۇرشىدىن كىيىن پەلەستىن خەلقى يەنىلا ئۆز دۆلىتنى قۇرۇش نىشانىغا يىتەلمىدى،ھېچكىم پەلەستىن خەلقىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بۇلدىغانلقنى بىلمەيدۇ.پەقەتلا ھەر يىلدىكى خاتىرلەش كۈنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ كىلۋاتىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاش بىلەن ئوق توقۇنۇشمۇ يەنىلا داۋام ئەتمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved