سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يېقىندا ئامېرىكا ۋىسكونسىن شىتاتى سۇپېرىئور كۆل بويىدىكى مۇز غا پىيادە ساياھەت قىلغۇچىلارغا ئېچىۋېتىلىپ نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدى.نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ ئاجايىپ گۈزەل مۇز غارنى تاماشا قىلىدى .ساياھەتچىلەر قېلىن كىيىملىرىنى كىيىشىپ مۇز تۇتۇپ كەتكەن كۆل يۈزىدىن ئېھتىيات بىلەن ئۆتتى .
گەرچە تېيىلىپ يىقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ لېكىن مۇز غاردىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ساياھەتچىلەر باسقان قەدىمىدىن پۇشايمان قىلمىدى. مۇز غاردا مۇز تۈۋرۈكلەر ۋە كۆل سۈيىنىڭ دولقۇنىدىن شەكىللەنگەن يايسىمان مۇزلار بار بۇلۇپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە ھاۋا ئىللىغاندا كىشىلەر بۇ مۇز غارغا قولۋاق بىلەن كىرىدىكەن .قىشتا كۆل يۈزىنى قېلىن مۇز تۇتقاندىن كېيىن پىيادە كىرسە بولىدىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved