ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى يىقىندا 2015-يىلىدىكى تېخنىكا ساھەسىدىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان شىركەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. ئالما شىركىتى ھېلىھەم 1-ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما 2015-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ پاي چېكى باھاسى تۆۋەنلەشكە باشلىغان. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئالفابېت (Alphabet، گۇگېلنىڭ ئانا شىركىتى) بىلەن مىكروسوفتنىڭ بازار قىممىتى بارغانسېرى ئېشىپ، ئالما شىركىتى بىلەن بولغان پەرقى كۈنسېرى كىچىكلەۋاتقان ئىكەن.
بازار قىممىتى، ئاددىي سۆز بىلەن ئېيتقاندا، شىركەت پاي چېكىنىڭ بازاردىكى قىممىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، شىركەتنىڭ ئومومىي بازار قىممىتى پاي چېكى باھاسىنى ئومومىي پاي چېكى سانىغا كۆپەيتكەنگە تەڭ.
2015-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قانچە سودا كۈنىدە، ئالما شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى 600 مىليارد دوللارغا يىقىنلىشىپ، روشەن ھالدا ئالدىنقى قاتاردادىن ئورۇن ئالغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ بازار قىممىتى 640 مىليارد دوللارغا يېتىپ 750 مىليارد دوللارلىق چوققا قىممەتتىن تۆۋەن تۇرغان، ئانالىزچىلار ھەتتا ئالما شىركىتى تارىختىكى بازار قىممىتى بىر تىرىليوندىن ئاشىدىغان تۇنجى شىركەتكە ئايلىنىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن. بىراق، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئالما شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، بۇنىڭغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئايفونغا بولغان ئېھتىياج تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ قارىغانلىقى سەۋەبچى بولغان.
2015-يىلى ئالفابېت شىركىتى ئۈچۈن تولىمۇ ئالاھىدە بولغان بىر يىل بولغان، ئۇنىڭ پاي چېكى باھاسى %45 ئۆرلەپ، بازار قىممىتى جەھەتتە 2-ئورۇنغا ئۆتكەن. ئالفابېت شىركىتىنىڭ 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى بازار قىممىتى 530 مىليارد دوللار بولغان.
2015-يىلى مىكروسوفت ئۈچۈنمۇ ئوڭۇشلۇق بىر يىل بولغان. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىپادىسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەكرەك ئاكتىپ بولغان، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە مىكروسوفتنىڭ پاي چېكى باھاسى %18 ئۆرلىگەن. گەرچە 1-ئاي ۋە 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا مىكروسوفتنىڭ پاي چېكى باھاسى چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئومومەن ئېيتقاندا، مىكروسوفتنىڭ ھازىرقى پاي چېكى باھاسى 2000-يىلىدىكى سەۋىيەگە قايتقان، ئەينى ۋاقىتتا مىكروسوفت دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى كارخانا بولۇپ ھېسابلىناتتى. مىكروسوفتنىڭ ھازىرقى بازار ئۈلۈشى 451.7 مىليارد دوللار بولغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved