بەششار ئەسەد مۇھىم ئىككى گېنىرالنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى

جاھان ئاگېنتلىقى 20-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە پايتەختى دەمەشىقتىكى بىخەتەرلىك دائىرلىرىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، سۇرىيە پرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ، سۇرىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇھىم ئىككى خادىمىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇلاردىن بىرى ئادى ھەرىيرى سۇيقەستىگە ئالاقىدار گېنىرال رۇستەم غازالە.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بەششار ئەسەد سىياسىي خەۋىپسىزلىك ئىشلىرى باشلىقى رۇستەم غازالە بىلەن بىرلىكتە ھەربىي بىخەتەرلىك ئىشلىرى باشلىقى گېنىرال رەفىق شاھادەنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. بۇ ئىككى كىشى بولسا سۇرىيە ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خادىملىرىدۇر.
رۇستەم غازالە، سۇرىيە ئارمىيسى 2005-يىلىدا لىۋاندىن چېكىنىشىدىن بۇرۇن شۇ يەردە ھەربىي ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. 62 ياشلىق غازالە، ئۇنىڭدىن كېيىن دەمەشىق رايۇنلۇق ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى بولغان.
گېنىرال غازالە، 2012-يىلى 18-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ھۇجۇم ۋەقەسىدە 4 نەپەر مۇھىم قۇماندان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن سۇرىيە ئارمىيىسى سىياسىي بىخەتەرلىك ئورگىنى باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن.
غازالە، 2005-يىلى فېۋرال ئېيىدا سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن لىۋان سابىق باش مىنىستىرى رەفىق ھەرىيرى سۇيقەستىگە ئالاقىدار دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈلۈپ سوتلانغان بەش نەپەر سۇرىيەلىك قۇمانداننىڭ بىرى.
ئەلجەزىرە تورى ئېرىشكەن بىر قىسىم مەلۇماتلاردا، فېۋرال ئېيى ئاخىرىدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان گېنىرال رۇستەم غازالەنىڭ ، ۋەزىپىدىن ئېلىنغان يەنە بىر گېنىرال رەفىق شاھادەگە تەۋە بىر قىسىم گۇرۇپپىلار بىلەن تۇقۇنۇشۇپ دەرئا رايۇنىنىڭ كارفا يېزىسىدا پۇتى ۋە سول كۆزى يارىلانغانلىقى ۋە غازالەنىڭ شۇئاندا دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى، ئەھۋالىنىڭ بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىر قىسىم ئۆكتىچى دائىرىلەر، فايىسبۇكتا غازالەنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار تارقاتقان. ۋە بەششار ئەسەدنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان گېنىرال غازالەنىڭ ئورنىغا گېنىرال زۇھەيىر ھامدىنى ئەكەلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان.
سۇرىيەدە 5-يىلىغا قەدەم قويغان ئىچكى ئۇرۇشتا ھازىرغا قەدەر 220 مىڭدىن كۆپ ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلدى. بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىلىرىدە بولسا 215 مىڭ كىشى تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ، بۇلاردىن 85 مىڭ كىشىدىن ھېچبىر خەۋەر يوق ئىكەن.



21-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
      شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي، برازىلىيەنىڭ برازىلىيە شەھىرى، كېڭەش پالاتاسى ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ روسسېف سۆز قىلدى.       شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-...
13-05-2016
       11- ماي برازىلىيە ئالىي پالاتاسى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، جەمئىي 81 پالاتا ئەزاسى ئىچىدىكى 78 پالاتا ئەزاسى زۇڭتۇڭ روسىفنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى. نەتىجىدە 55 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 22 ...
13-05-2016
          شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، 21 سائەتكە سوزۇلغان بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇنقى باياناتتىن كېيىن، برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە زۇڭتۇڭ رۇسسېفقا قارىتىلغان ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغان بو...
13-05-2016
     ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى بلاتتېر فىرانسىيەگە بېرىپ نەق مەيداندا 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى رەت قىلدى.   &...
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
12-05-2016
      كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27- ماي ياپونىيەنىڭ خىرۇسىم ئارىلىغا زىيارەتكە بارىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورىيەدىكى كۆپلىگەن ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئ...
12-05-2016
      ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ نېمۇرو يېرىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن، بەختكە يارىشى بۇ قېتىمقى يەر تە...
12-05-2016
       5-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى پيۇڭياڭدا يېپىلغان بولۇپ، يىغىندا كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومېتىت باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2-كۈنىدىن باشلاپ...
12-05-2016
     تۈركىيە ياۋرپا ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى مىنىستىرى بوزكىر 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىكۇلتىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئەنقەرە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن...
Powered by Leglek