تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە، ئىيۇل بىلەن نويابىر خانىم-قىزلارنىڭ ئەڭ كۆپ چېچى چۈشىدىغان پەسلى ئىكەن. بۇ مەزگىلدە چاچ چۈشۈشى كۆپ، ئۆسۈشى ئاستا بولىدىكەن.
يەنە بەزى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئۈچتىن بىر قىسىم ئايالنىڭ چاچ چۈشۈشى تۇخۇمدان ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، بۇ خىلدىكى چاچ چۈشۈشتە ھەيز قالايمىقانلىشىش، يۈز تېرىسى نۇرسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چاچ يۇغاندا باشنى ئۇۋۇلاپ، ئەستايىدىل يۇيۇش، ماس كېلىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى يەنى چاچنى بەك قۇرغاقلاشتۇرۇۋەتمەيدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. چاچنى بەك قۇرغاقلاشتۇرۇۋەتكەندە، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇرغاق، پارقىراقلىقىنى يوقاتقاندەك ھېس قىلسا، چاچ ئاسراش مەلھىمى ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved