جاھان ئاگېنتلىقى 25-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر ئىتتىپاقى باش كاتىبى مۇھەممەد يەھيا مەكتەبى، قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن ئەھرارۇششام بىلەن سۇقۇر شام ئەترەتلىرىنىڭ «ئىسلامى ئەھرارۇششام ھەرىكىتى» نامىدا بىرلىشىش قارارىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەكتەبى، ئىدلىب رايۇنى ۋە ھامادا ئۇرۇش قىلىۋاتقان 12 گۇرۇپپىنىڭ «شام ئەترىتى» نامىدا بىرلەشكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسىنىڭ رايۇندىكى ئەڭ زور كۈچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەكتەبى، باشقا ئىنقىلابچى ئەترەتلەرنىڭ ئىنقىلابقا سادىق بولۇپ بىردەك قەدەم ئېلىشىغا چاقىرىق قىلىپ، «بارلىق سۇرىيەلىكلەردىن تەشكىللەنگەن مىللى ئارمىيە قۇرۇلغانغا قەدەر داۋاملىشىشى كىرەك، بۇ ئارمىيەنىڭ ئاساسى نىشانى ئەسەد ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇش، خەلقنىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلىكىنى ھىمايە قىلىش، سۇرىيەنىڭ باشقا رايۇنلىرىنى ئەسەد ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىۋاتقان مەزھەبچى قۇراللىقلاردىن قوغداشتۇر» دېدى.
ئەھرارۇششام ھەرىكىتى ۋە سۇقۇرۇششام ئەترىتى 22-مارت ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا، «ئىسلامى ئەھرارۇششام ھەرىكىتى» نامى ئاستىدا بىرلەشكەنلىكىنى ۋە بىرلىشىش مەقسىتىنىڭ «يېڭى ۋەزىيەتلەر تەقەززاسى بويىچە شام ئىنقىلابىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەھرارۇششام رەھبىرى ئەبۇ جابىر ھاشىم شەيىخ، بىرلىشىش ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «يېڭى مەزگىلنىڭ بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى» تەكىتلەپ، «بىز ئىنقىلابقا سادىق بولىمىز، ئەسەدنى ئاغدۇرۇش تېمىسىدا سۈلھى قۇبۇل قىلىنمايدۇ، شېھىدلىرىمىزنىڭ قېنى بىكار كەتمەيدۇ. ئەسەد ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە ئازاب تارتىۋاتقان خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىرلىك ۋە تەشكىللىك بولۇشىمىز كىرەك» دىگەن.
سۇرىيەدە ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان 4 دانە ئىسلامى قۇراللىق گۇرۇپپىلاردىن بىرى بولغان ئەھرارۇششام ھەرىكىتى، سۇرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ قوراللىق گۇرۇپپا دەپ قارىلىدۇ. تۆت گۇرۇپپا بولسا؛ ئەھراۇرششام ھەرىكىتى، ئىسلامى فەجىر ھەرىكىتى، ئىسلامى ئەترەت ھەرىكىتى ۋە ئىمان ئەترىتى قاتارلىقلاردۇر.
قۇراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ بىرلىشىش قارارىدىن كېيىن، غەربى شىمالدا ئىدلىب رايۇنى مەركىزى ۋە جەنۇبتا دەرئاغا قاراشلىق بۇسرا شام رايۇنلىرىغا بىرلەشمە ھەرىكەت باشلانغان ئىدى. سۇرىيە يەرلىك تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، جەنۇبتىكى دەرئاغا قاراشلىق بۇسرا شام رايۇنى ئەسەد كۈچلىرىنىڭ كونتروللىقىدىن ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللىقىغا تامامەن ئۆتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved