چىۋېي (Chuwi، 驰为) يىقىندا ئېلان قىلغان Win10 ۋە ئاندىرويىد قوش سىستېما قاچىلانغان Chuwi Hi12 ناملىق تاختا كومپيۇتېر نۆۋەتتە ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 299 دوللارغا بېكىتىلگەن (خەلق پۇلىغا 1967 يۈەن ئەتراپىدا)، 28-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي سېتىلىدىكەن.
Chuwi Hi12 ناملىق بۇ تاختا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەندىكىچە:
مەشغۇلات سىستېمىسى: Win10 ياكى ئاندىرويىد 5.1 نى قاچىلاشقا بولىدۇ
ئېكران: ئېنىقلىق دەرىجىسى 2160x1440، چوڭلۇقى 12 دىيۇم
بىر تەرەپ قىلغۇچ: Intel Atom x5-Z8300 (ئاساس چاستوتىسى 1.44GHz)
ئىچكى ساقلىغۇچ: 4GB
ئاساس ساقلىغۇچ: 64GB
كامېرا: ئالدى ئىككى مىليون، كەينى بەش مىليون پىكسېللىق
تور: 802.11b/g/n WiFi
باتارىيە: 11000mAh
ئۇلىنىش ئېغىزى: بىر دانە USB3.0 ئېغىزى، بىر دانە USB2.0 ئېغىزى
Chuwi Hi12 نىڭ سەككىز ۋە 12 دىيۇملۇق ئىككى خىل چوڭلۇقتىكى نۇسخىسى بولۇپ، USB-C نى قوللايدىكەن، كۆك چىش ئارقىلىق ئۇلىنىدىغان كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەشكە بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved