بىر ھەپتە ئىشلەپ چارچىغان نۇرغۇن كىشى ھەپتە ئاخىرىدا قانغۇچە ئۇخلاپ ھاردۇقىنى چىقارماقچى بولىدۇ، بىراق ئەتىسى چۈشتە ئويغانغان چاغدا پۇت – قوللىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، بېشىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ھادىسە ئادەتتە ‹‹ئۇيقۇ مەستلىك›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما بۇ ‹‹ئۇيقۇ مەستلىك›› نېرۋىلارنىڭ ئىسپىرتتىن زەخىملىنىشى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، ھەددىدىن ئارتۇق ئۇيقۇ كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ بەدەننىڭ كۈندىلىك دەۋرىلىنىشىنى كونترول قىلىپ ئادەمنى ھاڭۋاقتى، ھەرىكىتىنى كالانپايلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى رىتىم فىزىئولوگىيەلىك ‹‹قوزغاتقۇچ›› تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ‹‹قوزغاتقۇچ›› ئادەمنىڭ كۆزىدىكى يورۇقلۇق سىگنالىغا ئاساسەن شۇ ئادەمگە قايسى چاغدا تاڭ ئاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ، كېيىن خىمىيەلىك سىگناللارنى باشقا ھۈجەيرىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپ، پۈتۈن بەدەننى ئوخشاش بىر بىئولوگىيەلىك سائەتكە توغرىلايدۇ، يەنى پۈتۈن بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرگە بىر كۈنلۈك زېھنىي قۇۋۋەتنى قايتىدىن تەقسىم قىلىشنى ئۇقتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندە ھارغىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.
ئادەم چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە ئورنىدىن تۇرغان چاغدا، ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ھۈجەيرىلىرى ئەتىگەن سائەت 7دىن باشلاپلا ئۇنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى تەقسىم قىلىشقا باشلىغان بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ ۋاقىت پەرقى ئېففېكتىغا دۇچ كەلگىنىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
![]() |
ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.
ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved