ئالما سامسۇڭدىن ئالغان 548 مىليون دوللار تۆلەم پۇلىدىن رازى بولمىدى

    بىر ھەپتە ئىلگىرى، سامسۇڭ پاتنېت ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئالما شىركىتىگە 548 مىليون دوللار تۆلەم تۆلىگەن. ئالما شىركىتى بۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى سوتقا قايتا ئىلتىماس سۇنۇپ، سامسۇڭ تۆلىگەن تۆلەم پۇلىدىن رازى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


    ئالما شىركىتى چارشەنبە كۈنى سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان ماتىرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭ بۇ شىركەتكە يەنە 180 مىليون دوللار (خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 1.16 مىليارد يۈەن) تۆلەم تولۇقلىمىسى ۋە ئۆسۈم تاپشۇرۇشى كېرەككەن.

ئالما شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، سامسۇڭنىڭ بەش خىل مەھسۇلاتى ئۇلارنىڭ پاتنېت ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان، بىراق 2012-يىلى پاتنېت ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى توختاتمىغان.

سامسۇڭ بىلەن ئالما ئوتتۇرىسىدىكى پاتنېت دەۋاسى 2011-يىلى باشلانغان بولۇپ، مەزمۇنى يانفوننىڭ سىرتقى لايىھەسىدىن تارتىپ سىستېما ئىقتىدارىغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان تەرەپلەرگە چېتىلىدىكەن. ئالما شىركىتى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە قايتا-قايتا ئىلتىماس سۇنۇپ، سامسۇڭ ماركىسىدىكى كۆپ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئايفوننىڭ لايىھەسىنى دوراپلا قالماي، يەنە سىستېمىدىكى ئېكران يۈزىنى سىيرىپ قۇلۇپ ئېچىش، بارماق بىلەن ئېكران مەزمۇنىنى چوڭايتىش ۋە كىچىكلىتىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا چىقارغان ھۆكۈمدە، سامسۇڭ ئالما شىركىتى ئۈچۈن 930 مىليون دوللار تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكى بېكىتىلگەن.

    ئارقىدىن، سامسۇڭ سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، تۆلەم سوممىسىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان، ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى بۇ دەۋاغا قايتا قاراپ چىققاندىن كىيىن، سامسۇڭنى ئالما شىركىتىنىڭ «سودا خاراكتېرلىك سىرتقى لايىھە» پاتنېت ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلمىغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، تۆلەم سوممىسىنى 548 مىليون دوللارغا تۆۋەنلەتكەن.

   مانا ئەمدى، ئالما شىركىتى سامسۇڭ بەرگەن تۆلەم پۇلدىن رازى بولمىغاچقا، ئىككى شىركەت ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ قايتىدىن باشلانغان، بىراق، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇرۇشۇپ تۇرسىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بۇ ئىككى شىركەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بۇ دەۋا تۈپەيلىدىن ئانچە چوڭ تەسرگە ئۇچرىمىغان ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
25-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوللار/ خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى 6.5202 يۈەن بولۇپ، چوڭ دائىرىدە 74 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىدى؛ جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغ...
06-05-2016
    يېقىنقى مەزگىللەردە ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەھلىلچىلەر بۇنداق دەپ قارىدى، پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئالتۇننىڭ ي...
04-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋىستىرالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارگىل (Argyle) ئالماس كان رايونىدىن ئېغىرلىقى 9.17 كارات كېلىدىغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىنەپشە رەڭلىك ئالماس بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالماسنى پا...
04-05-2016
    دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ماشىنىسى ياساش كارخانىسى شىۋېيتسارىيە ‹‹رېيتېر›› گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹رېيتېر›› توقۇمىچىلىق ئەسۋاب – ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات را...
04-05-2016
    نەچچە كۈندىن بۇيان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەتتا 1298 دوللارغا چىقىپ، ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى خېلىلا چىڭداپ قويغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن نەق ئالتۇننى...
04-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
04-05-2016
    دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
03-05-2016
    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
03-05-2016
    يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
03-05-2016
    «ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
Powered by Leglek