ئىنىستىتۇت مۇدىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قىزىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ تەنقىدلەندى

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىكى پارتگۇرۇپپىسى تېلېۋىزىيە يىغىنى ئېچىپ، يېقىندا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ سىجاۋنىڭ قىزى ئۈچۈن بەلگىلىمىگە خىلاپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىك مەسلىسىنى ئاشكارا تەنقىدلىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 2015-يىلى 6-ئايدا ۋاڭ سىجاۋنىڭ قىزى ئۈچۈن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ مەزكۇر مەكتەپ بىلەن ئالاقىسى بار بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر خەلقئارالىق سەنئەت مەركىزى تەمىنلىگەن ئېتىبار باھانى قوبۇل قىلغانلىقى، ھەمدە مەكتەپتىكى خىزمەتداشلىرى، قول ئاستىدىكىلەرنى توي مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ھەمدە توي مۇراسىمىدا خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى (بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش نەپەر مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزاسى بار)، بۇ ئارقىلىق ناچار تەسىر بەرگەنلىكى، بۇ قىلمىشىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە پارتىيەنىڭ پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

مەكتەپنىڭ شۇجىسى گو شۇلەن بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋاڭ سىجاۋنىڭ قىزى ئۈچۈن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىنى توسماستىن ئۆزى توي مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، بەخىت تىلىگەن، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان. مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام شۇجىسى فېڭ خۇەنلېي پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىدىغان بىرىنچى مەسئۇل كىشى تۇرۇپ، ۋاڭ سىجاۋنىڭ قىزى ئۈچۈن بەلگىلىمىگە خىلاپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى توسماي، توي مۇراسىمىغا قاتناشقان، نازارەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان. مائارىپ مىنىستىرلىكى پارتگۇرۇپپىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ۋاڭ سىجاۋغا پارتىيە ئىچىدە ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش، ئۇنىڭ مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىق، مەكتەپ مۇدىرىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى؛ گو شۇلەن، فېڭ خۇەنلېي قاتارلىقلارغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى مۇخبىرغا ۋاڭ سىجاۋ جازالىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن تۇيۇقسىز ئۆزىنى يېڭى نۆۋەتلىك ئىلىم-پەن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دەپ ئېلان قىلغانلىقى، بۇنىڭدىن بۇرۇن يېڭى نۆۋەتلىك ئىلىم-پەن كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى تېخى ئاشكارىلانمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ئۈچ يىل بۇرۇن ئىلگىرىكى ئىلىم-پەن كومىتېتىنىڭ نىزامنامىسى ئۆزگەرتىلىپ، ئەزالارنىڭ يېشى 65 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم پېشقەدەم پىروفېسسورلار ئىلىم-پەن كومىتېتىدىن چېكىنىپ چىققان، لېكىن بۇ قېتىم يەنە قايتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ياش چەكلىمىسىنى 70 ياشقا ئۇزارىتقان، شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن ۋاڭ سىجاۋ ئوڭۇشلۇق ھالدا يېڭى نۆۋەتلىك ئىلىم-پەن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ھەپتىدە، جۇڭگونىڭ جامائەت پىكرى سورۇنىدا بولۇپمۇ ئالاقە تورىدا بىر يېڭى تېما كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ بولسىمۇ  «تور ئارقىلىق ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىش». جۇڭگو پۇقرالىرى ...
30-04-2016
   4-ئاينىڭ 30-كۈنى، «1- ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، خۇنەننىڭ جاڭجياجيېدىكى باۋفېڭ كۆلىنىڭ تېگىنى تازىلىغۇچى گاۋجيەن كۆلنى تازىلاۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، باۋفېڭ كۆلىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مېتىردىن 100 مېتىرغىچە كېلىدىغان بو...
30-04-2016
     چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى بىر بانكا 27-ئاپرېل بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان، قورال كۆتۈرىۋالغان بۇلاڭچى زور مىقداردىكى نەق پۇلنى بۇلىغاندىن كېيىن ئۆگزىگە چىقىپ پۇللارنى كوچىغا چېچىۋەتك...
30-04-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇھەممەتجان روزى خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى 28-ئاپرېل ئايكۆل يېزا ئۇشتۇرما كەنتىدە «ياشلىق باھارىنى ئۇرغىتىپ، گۈزەل ئارزۇلارنى قاناتلاندۇرايلى» تېمسىدا قوش تىلدا ناخشا ئې...
30-04-2016
     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋستىرالىيە پات يېقىندا تۇنجى لېگو دۇكىنى (Lego Shop) نى كۈۋىنىسلەند چۈش دۇنياسى (Queensland Dream World) ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەخس...
30-04-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تايلاندتا يەتتە ياشقا كىرگەن تۇتاش تەنلىك بىر جۈپ ئاچا-سىڭىل بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يول يۈرۈشى، كىيىم كىيىشى، ۋېلىسپىت مىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئېلىپ...
30-04-2016
    ئاپتونوم رايون 26-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى...
30-04-2016
     سەنشى شياڭنىڭنىڭ شۈجيادو يېزىسىدىكى 36 ياشلىق دوختۇر خې شىڭلوڭ  16 يىلدىن بېرى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ كەلگەن. ئۇ 24 سائەت ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىغان بولۇپ، ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم تاغ-داۋانلاردىن...
29-04-2016
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-ئاپرېل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل ‹‹خەلق›› سارىيىدا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ لاۋروفتىن زۇڭتۇڭ پۇتىنغا سەمىمىي سالام ۋە...
29-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 29-ئاپرېل، چاۋشيەن پىيوڭياڭ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كورىيەلىك جىن دوڭجې سوت قىلىندى. 29-ئاپرېل، چاۋشيەن ئالىي سوت مەھكىمىسى دۆلەتنى ئاغدۇرۇش سۈيقەستىدە بولۇش جىنايىتى ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئام...
Powered by Leglek