جاھان ئاگېنتلىقى 14-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىر باش مىنىستىرى ئىبراھىم مىخلىب فرانسىيەدىكى زىيارىتىدە فرانسىيە پرېزىدېنتى فرانچوس ھوللاندى ۋە باش مىنىستىر مانۇل ۋالىس بلەن ئۇچراشتى. مىسىر باش مىنىستىرى ئىبراھىم مىخلىب ۋە مىىسر ھەيئىتى فرانسيەدىكى زىيارىتىدە ، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنت فابىيۇس، مالىيە مىنسىتىرى مىچىل ساپىن بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 3 تۈرلۈك ئىقتىسادى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
مىسىر باش مىنستىرى مىخلىب، ئۇچرىشىشتىن كېينكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، لىۋىيەدە بىر مىللى بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەلقئارالىق كۈچنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار سۇئالغا جاۋاب بېرىپ، « بىز ھەر ۋاقىت قانۇنىيلىقنى قوللايمىز، شۇڭلاشقا بۇ تېمىنى بىرلىكتە كۆزىتمىز» دېدى
مىخلىب بىلەن ۋالىس ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئورتاق تەھدىت بولغان تېرور تېمىسىدا سۆھبەتلەشتى، ۋالىس فرانسىيە ۋە مىسىرنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «مىسىر مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىئانلار توپلىشىپ ياشايدىغان ، ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك سىمۋوللۇق بىر دۆلەتتۇر» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپرېل ئېيىدا لىۋىيەدىكى كىرزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «مىللىي ياراشتۇرغۇچى ھۆكۈمەت بىلەن باشقۇرۇش كومىتىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، توبروكتىكى ۋەكىللەر مەجلىسىنىڭ پۈتۈن لىۋىيەلىكلەرگە ۋەكىل بولىدىغان قانۇنلۇق ئورگان بولۇپ قۇبۇل قىلىنىشى ۋە دۆلەت ئالى كومىتىتى، ئاساسى قانۇن تەييارلىق كومىتىتى، مىللى بىخەتەرلىك كومىتىتى ۋە شەھەرلىك مەجلىسلەر قۇرۇلۇشى» قاتارلىق بىر قاتار پىلان لايىھەسى سۇنغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved