چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 28- يانۋار كەچتە تايلاند پايتەختى باڭكۇك شەھىرىنىڭ لاپمۇڭ رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، نەق مەيداندا شىددەت بىلەن كۆيگەن ئوت پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىپ قېلىنىپ، بىر مەھەل تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەھىمىسى پەيدا قىلغان.
يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسسىسنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيدان شۇ جايدىكى بىر BMWئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداندا ئامانلىق قوغدىغۇچىدىن باشقا ئادەم يوقكەن.
ئىگىلىنىشىچە، باڭكۇكتا ئۆتكەن يىلى 8- ئايدا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋقەسى يۈز بېرگەن، شەھەر مەركىزىدىكى ئاۋات ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بولغان ئىراۋان ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 20 ئادەم قازا قىلغان.7
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved