BTچۈشۈرۈش كەسپىنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇن Scan Eye ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشىيەن ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ تورغا چىقىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان بولسىمۇ، بىراق، بۇ دۆلەتتىكى تور ئابونتلىرى ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە ناھايىتى ئەركىن ھالدا ئامېرىكا-ئەنگىلىيە تېلېۋىزىيە فىلىملىرى، ئويۇن ۋە چوڭلارغا ئائىت مەزمۇندىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈپ كۆرگەن.
ئەنگىلىيەدىكى «كۈندىلىك تېلگىراف گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، چاۋشىيەندىكى بۇ تور ئابونتلىرىنىڭ چۈشۈرۈش تارىخى 2012-يىلى 2-ئايدىن باشلانغان، IP ئادرىسى بولسا Ryugyong-dong بەلبىغىدىكى 178 دانە كومپىيۇتېردىن كەلگەن. بۇ كومپىيۇتېرنى ئىشلەتكۈچى ئابونتلار توردىن چۈشۈرگەن مەزمۇنلار ئىچىدە «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ»،«كىچىك ئارمىيە» قاتارلىقلار، شۇنداقلا «يۇقىرى خوت» قاتارلىق BBC دىكى داڭلىق ئاپتوموبىل پىروگراممىلىرى ۋە ياۋروپا-ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن تارقالغان بىر قىسىم چوڭلارغا ئائىت فىلىملەر باركەن.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، چاۋشىيەدىكى تور ئابونتلىرى يەنە ئامېرىكىدىكى HBO شىركىتى سۈرەتكە ئالغان
ھۆججەتلىك فىلىم «بېنلادېننى قوغلاپ تۇتۇش» (Manhunt: The Search for Bin Laden) نىمۇ چۈشۈرۈپ كۆرگەن.
«چاۋشىيەن تېخنىكا بىلوگى» (North Korea Tech Blog) نىڭ ئاپتورى، تېخنىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان Martyn Williams ئىسىملىك مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقارقى مەزمۇنلارنى چۈشۈرگەنلەر بەلكىم چاۋشىيەنگە ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى، ئۇلار ھەق تۆلەش ئارقىلىق چاۋشىيەن چىگراسى ئىچىدە تۇرۇپمۇ چەكلىمىسىز ھالدا تورغا چىقىشتىن بەھرىمان بولالايدىكەن.
«خەۋەرلەردە ئاشكارىلانغان مەزمۇنلار چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئانچە بەك مۇيەسسەر بولالمايدۇ.» دەيدۇ Martyn Williams يەنە.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، Extreme tech ناملىق تېخنىكا بىلوگىنىڭ يازغۇچىسى Sebastian Anthony نىڭ قارىشىچە، يۇقارقى مەزمۇنلارنى چاۋشىيەنلىك تور ئابونتلىرىنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«بۇلارنى چۈشۈرگەنلەر بەلكىم چاۋشىيەدىكى چوڭ شىركەتلەر، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىق ئورگانلاردىكى خادىملار بولۇشى مۇمكىن، يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق، بۇ مەزمۇنلارنى چۈشۈرگەنلەر پەقەت 2-1 ئادەم بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭغا بىر نېمە دىمەك تەس.»
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قشۇىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved