ئەمدىلا يېپىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، بۇ يىلقى ئىقتىسادىي خىزمەتلەر ئەستايىدىل يەكۈنلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ دائىمىي يېڭى ھالىتىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، يېڭى ۋەزىيەتنى تونۇش، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش، يېڭى ۋەزىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كېلەر يىللىق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ دائىمىي يېڭى ھالىتىگە قەدەم قويدى. دائىمىي يېڭى ھالەتنى ھەم چوڭقۇر چۈشىنىپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز ھەم تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ.
دائىمىي يېڭى ھالەتنى يېڭىچە تونۇشىمىز كېرەك. ئۇدا 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن كېيىن، ئېھتىياج، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپ تەشكىللەش ئۇسۇلى، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ نىسپىي ئەۋزەللىكى، بازار رىقابىتى ئالاھىدىلىكى، بايلىق – مۇھىت چەكلىمىسى، ئىقتىسادىي خەۋپنىڭ جۇغلىنىشى ۋە پەسىيىشى، بايلىق تەقسىملەش ئەندىزىسى ۋە ماكرولۇق تەڭشەش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. تەرەققىياتنىڭ دائىمىي يېڭىچە ھالەتكە قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئېشىش سۈرئىتى يۇقىرى سۈرئەتتىن ئوتتۇراھال سۈرئەتكە، تەرەققىيات ئۇسۇلى كۆلەم، سۈرئەت تىپىدىكى يىرىك ئېشىشتىن سۈپەت، ئۈنۈم تىپىدىكى تۈجۈپىلىك ئېشىشقا قاراپ يۈزلەندى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىدارنى كېڭەيتىشنى ئاساس قىلىشتىن، ساقلانما مىقدارى بىلەن ئاشۇرۇلما مىقدار تەڭ مەۋجۇت بولۇشتەك چوڭقۇر تەڭشەشكە قاراپ ئۆزگەردى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئەنئەنىۋى ئېشىش نۇقتىسىدىن يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا يۈزلەندى. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەزنىڭ دائىمىي يېڭى ھالەت توغرىسىدىكى تونۇشى ۋە ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دائىمىي يېڭى ھالەتكە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىغا بولغان ئاڭلىقلىقىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. مانا بۇ، ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
دائىمىي يېڭى ھالەتتە يېڭىچە تەپەككۇر بولۇشى كېرەك. دائىمىي يېڭى ھالەت شارائىتىدىكى تەرەققىيات شەرتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تولۇق تونۇپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا، بازار ۋە ئىستېمال پىسخىكىسىنى ئانالىز قىلىشقا، ئىجتىمائىي مۆلچەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا، كارخانىچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا، ئادەم كۈچى كاپىتالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دائىمىي يېڭى ھالەتكە ماسلىشىش ياكى ماسلىشالماسلىقتىكى ئاچقۇچ ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىش سالمىقىدا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش سالمىقىدا، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سالمىقىدا. شۇڭا تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتتا قەتئىي يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.
دائىمىي يېڭى ھالەتتە يېڭىچە ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. دائىمىي يېڭى ھالەتكە ماسلىشىشتا مۇھىمى تەشەببۇسكار بولۇشتۇر. تەشەببۇسكار بولغاندىلا، پۇرسەتنى ئىگىلىگىلى، نى – نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىستېمالنىڭ ئاساسىي رولى، مەبلەغ سېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولى ۋە ئېكسپورتتىكى تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش كېرەك. يېڭىچە ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئېشىشقا، سۈپەتكە ۋە ئۈنۈمگە قاراپ يۈزلەندۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ماكاندىكى جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، بازارلاشتۇرۇشنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
دائىمىي يېڭى ھالەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش. بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى پائال، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ بولدى، ئورتاق تونۇش ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەندى، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ياخشى تۈزۈم، ئورۇنلاشتۇرمىغا ئىگە قىلىش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ سۈپىتىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئېكسپورتنى كېڭەيتىش ۋە ئىمپورتنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارالىق كىرىم – چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
كېلەر يىلى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۇنجى يىلى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ھالقىلىق بىر يىل، شۇنداقلا 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ، ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. پۈتۈن پارتىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى دائىمىي يېڭى ھالەتكە ماسلىشىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved