چاغان يېقىىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى شەھەر ئاھالىلىرىنى ھەر خىل ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە، بولۇپمۇ، ئۈندىداردىكى «قىزىل بولاق»لارنى ئالغاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك «قىزىل بولاق»لارنى ئالماسلىققا ئەسكەرتتى.
1. شەخسىي ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان «قىزىل بولاق»قا تەگمەڭ.
2.«دوستلار چەمبىرىكى»گە بەھرلەندۈرۈش تەلەپ قىلىنغان «قىزىل بولاق»نى ئاچماڭ.
3. «دوستلار چەمبىرىكى»دىكى دوستلار بىلەن بىللە تالىشىدىغان «قىزىل بولاق» پائالىيىتىگە قاتناشماڭ.
4. ئۈندىداردىكى «چوڭ قىزىل بولاق»نى ئاچماڭ. ئادەتتە يەككە «قىزىل بولاق»نىڭ چەكلىك سوممىسى 200 يۈەن بولىدۇ، شۇڭا «666»، «888» دېگەن «قىزىل بولاق»لار ئەمەلىيەتتە ساختا «قىزىل بولاق»تۇر..
5. دۇكان ياكى دوستلار ئەۋەتكەن ئۈندىدار «قىزىل بولاق»ىنى ئاچقاندا مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان «قىزىل بولاق»لاردىن ئاگاھ بولۇڭ.
6. «AA» قىزىل بولاق ئالدامچىلىقىدىن ئاگاھ بولۇڭ. بۇنىڭدا سىز «قىزىل بولاق» ئېلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولسىڭىزمۇ، بىراق، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئىسچوتىڭز ۋە مەخپىي نومۇرىڭىز ئوغرىلىنىدۇ.
جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتىكى نورمال «قىزىل بولاق» چەككەن ھامان ئېچىلىپ، ئىچىدىكى پۇل ئاپتوماتىك ھالدا 3-تەرەپنىڭ چىقىم سۇپىسىغا كىرىدىكەن، شەخسىي ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنمايدىكەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved