شىنخۇا تورى 16- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
برازىلىيە جۇغراپىيە ستاتىستىكا ئىدارىسى 15- مارت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2015- يىلى برازىلىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %8.5 كە يېتىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى 8 مىليون 600 مىڭغا يەتكەن، بۇ سان 2014- يىلدىكى ئىشسىزلار سانىدىن %28 كۆپ بولغان.
بۇ سىتاتىستىكا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 3464 شەھەر-بازاردىكى 211 مىڭ ئائىلىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن بولۇپ، 2014- يىلى برازىلىيەدىكى ئوتتۇرىچە ئىشسىزلىق نىسبتى %6.8 بولغان.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 4- پەسىلدە برازىلىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبتى %9 كە يەتكەن. جۇغراپىيە ستاتىستىكا ئىدارىسى خىزمەت ۋە كىرىم بۆلۈمىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ئازرىدونىڭ ئېيتىشىچە، 4- پەسىلدە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنى بازارنىڭ مۇقىمسىزلىقى، قۇرۇلمىنىڭ تەڭشىلىشى، سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved