مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇيغۇر، قازاق ، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ نورۇز بايرىمى. پامىر ئېگىزلىكىدىكى بەيسىخان ئائىلىسىنىڭ كىگىز ئۆيى سىرتىدا ئۇچىسىغا مىللىي كىيىملەرنى كىيگەن ئەر ئايالار گۈلخاننى قورشاپ ئۇسسۇل ئوينىدى، رەتكە تىزىلىپ گۈلخاندىن سەكرىدى. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تېرەكتى كەنتىدىكى قار تېخى ئېرىمىغان بولسىمۇ، لېكىن باھار خۇشاللىقىغا چۆمدى. نورۇز ئېشىنىڭ خۇش پۇرىقى ھەممە يەرنى قاپلىدى.كەنت سىرتىدىكى قار ئېرىغان جايدا بەيگە، ئوغلاق تارتىش، چېلىشىش ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقا ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. خوتەننىڭ قاراقاش دەرياسى بويىدىكى توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا-چاڭ كۆرۈۋاتقان ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىنى سۈسلاشتۇرالماي ، ئەكسىچە مەيدان كەيپىياتىنى ئەۋجىگە چىقاردى، يېڭى كىيىملەرنى كىيگەن بالىلار كىشىلەر توپى ئارىسىدا قاتراپ يۈرەتتى. كىلىماتى ئۆزگىچە بولغان تۇرپان بىر قانچە كۈندىن بۇيان گۈل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىلىرى تۇرپانغا كېلىپ گۈللەرنى تاماشا قىلدى.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved