ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 8-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۈچ نەپەر سۈرىيە ئەسكىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارىتىلغان خەلقئارا تېررورلۇقققا قارشى تۇرۇش بومباردىمان قىلىش ھەركىتىدە قۇربان بولغان.
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى، «شام ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارا بىرلەشمە يېقىندا «شام ئىسلام دۆلىتى» كونترول قىلىۋالغان دېيىرېززور ئۆلكىسى (Deir ez-Zor Governorate) نى بومباردىمان قىلدى.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بومباردىماندا ئۈچ نەپەر سۈرىيە ئەسكىرى قۇربان بولغان، ئۇندىن باشقا يەنە 14 ئەسكەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارلانغان.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۈزىتىش تەشكىلاتى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، بۇ خەلقئارا بىرلەشمىسىنىڭ سۈرىيەدە بومباردىمان ھەركىتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن تۇنجى شۇنداق خاراكتېرلىك ۋەقە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved