ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى يەنىلا پەسەيمىگەنلىكتىن جامائەتچىلىك بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىدە ئۈچ خىل نەتىجە بارلىققا كېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.
ھازىرغا قەدەر، ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى ئەل ئارا قۇراللىق كۈچلەرنىڭ توقۇنۇشىدا ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلدى. 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، دۇنىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن لوگەنىسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزلىرىنىڭ زۇڭتۇڭىنى سايلىدى، ئۇندىن كېيىن، ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شەرقىي قىسىمدىكى ئەل ئارا قۇراللىق كۈچلەرگە قاراتقان ھۇجۇمنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
نۆۋەتتە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇنداق ئۈچ خىل نەتىجە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
1. ھازىرقى ۋەزىيەت ساقلىنىپ قىلىنىشى مۇمكىن. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ھازىرقى ئەھۋالنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت ھازىرقى ئەھۋالنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسى بولسىمۇ بىراق كۈچى يەتمەيدىغان بولغاچقا، ۋاقتىنچە ھازىرقى ئەھۋالنى قوبۇل قىلدى. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەربىي تەييارلىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈچەيتمەكتە ھەمدە غەرب ئەللىرىنىڭ ياردەم بىرىشى ۋە قۇراللىق ئارىلىشىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، قورال كۈچى ئىشلىتىش ۋاستىسىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق بۇ مەسلىنى تەل-تۆكۈس ھەل قىلماقچى بولماقتا.
ئۇكرائىنا، شەرقىي قىسىم رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتمايدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۆزىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى قىزىق نۇقتىلىق ۋە مۇھىم نوقتىلىق ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ ھەمدە بۇ مەسلىسنى ياۋروپانىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيىتى، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ۋە دائىردە خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش.
شەرقىي قسىىم رايونىدىكى ئەل ئارا قۇراللىق كۈچلەر ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ مەقسىتىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، شۇنداقلا ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۇرۇش توختىتىش ئېلىپ كەلگەن تىنچلىق ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، سايلامنى ئورۇنلاپ، ئەمەلىي مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونى كىرىزىسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىدىكى چەكنى بۇزۇپ تاشلاپ، رايون خارەكتېرلىك ۋە خەلقئارا خارەكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ قاتلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قسىىم رايونى مەسلىسىنى قۇراللىق ۋاستە ئارقىلىق ھەل قىلىشىغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىدا تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ ۋە ئۇنى ۋەيران قىلىپ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى ھازىرقى ھالەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش ھەمدە بۇنى سۆھبەتلىشىش ۋە سىياسىي ۋاستە ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بۇراشتىن ئىبارەت. بىراق بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش رۇسىيەنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشدىن ئايرىيالمايدۇ.
2. شەرقىي قىسىم رايونىدىكى ئەل ئارا قۇراللىق كۈچلەرنى يوقۇتۇش. رۇسىيە بۇنداق نەتىجىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئەل ئارا قۇراللىق كۈچلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، رۇسىيەنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇنداق بولغاندا سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردىكى رۇسىيىگە سادىق ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلق رۇسىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ، ئىشەنچ ۋە تەۋەلىك ھىسياتى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇمۇ رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەگەر، مۇشۇنداق نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدىغان بولسا، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ھەربىي ئىشلار جەھەتتە غەلبە قىلىش بىلەن ئابرويى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت ۋە مىللىي ئويۇشۇش كۈچى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش مۇساپىسىنى تېزلىتىدۇ ھەمدە قىرىمنى قايتۇرۇۋىلىش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىدۇ.
3. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونى مۇستەقىل بولۇش ۋە ئاپتونومىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بۇ خىل ئەھۋالنى، ئۇكرائىنا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ قىرىمدىن كىيىن، ئۇكرائىنانى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارچىلايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۇكرائىنانىڭ باشقا جايلىرىدا زەنجىرسىمان ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇكرائىنا دۆلەت بولماي قالىدۇ.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايۇنىدا مۇستەقىللىق ۋە ئاپتونومىيە ئىشقا ئاشقاندىن كىيىن، بۇنىڭدىن ئەڭ خوش بولىدىغىنى ئۇكرائىنا بىلەن غەرب ئەللىرى ئېتىراپ قىلماي كېلىۋاتقان قىرىم بولۇپ، ئۇ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا چىقىش يولى بولمايدۇ.
بۇ خىل نەتىجە رۇسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە قايتۇرما زەربە بېرىشتىكى غەلبە دەپ قارىلىدۇ ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ.
يۇقىرىقى ھەرقانداق نەتىجىنى ھەر قايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلمايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇمۇ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونى ۋەزىيىتىدىكى توسالغۇلارنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكى، ھەل قىلىش ئىستىقبالىنىڭ تىپىلمايۋاتقانلىقىدىكى سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved