سەلامى؛ ھەربىي ئورۇنلىرىمىزنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمايمىز! دېدى

جاھان ئاگېنتلىقى 19-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قۇماندانى ياردەمچىسى ھۈسەيىن سەلامى، «يادرو مۇزاكىرىسى دائىرىسىدە ھەربىي ئورۇنلىرىمىزنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە ھەرگىز رۇخسەت قىلمايمىز، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز ئامېرىكا بىلەن چوڭ بىر ئۇرۇش ئۈچۈن شەكىللەنگەن» دېدى. سەلامى، ئىران دۆلەتلىك تېلىۋىزىيسىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىلىق خادىملارنىڭ « ئىرانغا قارىتا ھەربىي تاللاش پۇرسىتىنىڭ ھازىرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى باياناتىغا ئالاقىدار مۇنداق دېدى؛ «بۇ باياناتلار بىز ئۈچۈن ئەندىشىلىك ئەمەس، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز ئامېرىكا بىلەن چوڭ بىر ئۇرۇش ئۈچۈن شەكىللەنگەن».
سەلامى، ئىران بىلەن 5+1 دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى يادرو مۇزاكىرىسىدە يىتىش نىشان قىلىنغان كېلىشىم دائىرىىسىدە، ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە ئەسلا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ، ھەر قانداق بىر تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سەلامى، ئىراننىڭ رايۇندىكى كونتروللۇق، پىلان ۋە مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ كەڭ دائىردە ئىكەنلىكى، بۇ ھەقتە ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى تەكتلەپ، «بىز ئامېرىكا بىلەن ئىران-ئىراق ئۇۇرشىدا ياكى رايۇن خاراكتىرلىك توقۇنۇشلاردا ۋاستىلىق ياكى ۋاكالىتەن ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇق. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ۋاستىلىق شەكىلدە بىلدۇق. بىز ھېسيات بىلەن سۆزلەيمىز ئەمما ھېسيات بىلەن ئىش قىلمايمىز» دېدى.
ئىران بىلەن 5+1 دۆلەتلىرى ئ‍ارىسىدا شىۋىتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يادرو مۇزاكىرىسىدە 2-ئاپرېل رامكا كېلىشىمى ھاسىل بولغان ئىدى. ئىران بىلەن روسىيە، ئامېرىكا ، فرنسىيە، ئەنگىلىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيەدىن شەكىللەنگەن 5+1 دۆلەتلىرى، ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى ھەققىدە بىر قانچە ئايدىن بۇيان داۋاملاشقان مۇزاكىرە نەتىجىسىدە يارىشىش ھاسىل قىلغان ئىدى. 30-ئىيۇنغا قەدەر ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ كېلىشىم تۈزۈش پىلان قىلىنغان بولۇپ ئىران بۇ كېلىشىم بىلەن بىرگە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن جازالارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.



19-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek