تۇرمۇش ئىشلەپچىقىرىشدىن شەكىللەنگەن كاربون تۆت ئوكسىد قاتارلىق پارنىك گازلىق ئورمان ۋە يايلاقنىڭ سۈمۈرۈشىگە موھتاج. ئەگەر بىر دۆلەت ياكى رايون قويۇپ بەرگەن نەرسىلەر تەبىئىي مۇھىت تەرىپىدىن سۈمۈرۈلمىسە، مانا ب ئىكولوگىيە تەڭپۇڭلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
نۆۋەتتە، دۇنيادىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قويۇپ بېرىلگەن پارنىك گازلىرى 2.8 گېكتار (بى گېكتار تەخمىنەن ئۆلچەملىك پۇتبۇل مەيدانىچىلىك كېلىدۇ) ئورمان سۈمۈرەلەيدۇ، لېكىن ھازىر دۇنيادىكى ئورمان كۆلىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىشى بېشىغا 1.8 گېكتاردىن توغرا كىلىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى ھېسابلىساق، دۇنيادىكى ئوتتۇرىچە ئېكولوگىيە قىزىل رەقىمى بىر گېكتار بولىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشچە، دۇنيادىكى 200نەچچە دۆلەت ۋە رايۇن ئىچىدە، 90 نەچچىسى قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز گاز مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن.
مەسىلەن، ياپونىيەدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش مىقدارى دۇنيا ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 2.4 ھەسسىسىگە، ئېلىمىز ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 3.4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىن بەكلا ئېشىپ كەتكەن. شۇڭلاشقا، ياپونىيە تەرەققىي تاپقان دۆلەتنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ساقلاش ئۈچۈن ، بارچە ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بايلىقىنى ئىشلىتىدۇ. نۆۋەتتە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يەتتە ھەسسىسىگىچە توغرا كېلىدۇ. دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئامېرىكىلىقلاردەك ياشىشى ئۈچۈن يەرشارىدىن بەش بولمىسا بولمايدۇ.
نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ھەزىم قىلىشقا 2.2 گېكتار ئورمان كتىدۇ، لېكىن ئېلىمىزدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئورمان ئاران 0.8 گېكتار بولۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل رەقىمى 1.4 گېكتار.نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ چوڭقۇرۇقلۇقىدا ئاران ئالتە ئۆلكە (ئاپتۇنۇم رايۇن،شەھەر) نىڭ ئېكولوگىيەسىدە قىزىل رەقەم كۆرۈلمىدى ئۇلار ئايرىم- ئايرىم شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنى، چىڭخەي ئۆلكىسى، ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى،يۈننەن ئۆلكىسى ۋە خەينەن ئۆلكىسى قاتارلىقلار، بۇ رايۇنلاردا ئېكولوگىيە قىزىل رەقمىنىڭ كۆرۈلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، نوپۇس ئاز بولۇشى ياكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرقەدەر ياخشى ئۆسكەنلىكىدە.
لېكىن، بۇ رايۇنلاردىكى قىسمەن دائىلىك بۇلغۇنىش ينىلا ئىنتايىن ئېغىز. ئېلىمىزدە 20 - ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ ئېكولوگىيە قىزىل رەقىمى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ۋە ئىزچىل ئېشىپ، 2009- يىلىدىن باشلاپ ئېلىمىزنىڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرغان. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ بايلىقىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىز يەنىلا ئۆز بايلىقىغا تايىنىش ۋە ئۆز مۇھىتىنى بۇلغاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ھېسابلاشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىمىز ھەر يىلى پەقەت دۆلەت سىرتىدىكى 0.03گېكتار ئورماننىلا ئىشلىتىدىكەن.
گەرچە كىشىلەر مۇھىت بۇلغىنىشنى تۈزەش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا ئاۋۋال بۇلغاپ، ئاندىن تۈزەشتەك ناچار ئايلىنىشتىن قۇتۇلالمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved