فرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ساركوزى 19-سېنتەبىر فرانسىيە خەلق ھەرىكىتى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىك سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: بۇ ساركوزىنىڭ سىياسىي سەھنىگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن، ھەمدە ئىلىس سارىيىغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تاشلاش مۇمكىنچىلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئەگەر سايلامدا غەلبە قىلىپ قالىدىغان بولسا، ئۇنىڭ 2017-يىللىق فرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
ساركوزى شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن شەخسى تور بېكىتىدە بۇ خەۋەرنى جاكارلىغان. ئۇ، مەن چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق سىياسىي سەھنىگە قايتىپ كېلىشنى قارار قىلدىم دېگەن.
ساركوزى سىياسىي سەھنىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارارنى جاكارلاشتىن بۇرۇن، فرانسىيەدىكى بىر ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ھوللاندىنىڭ ئەل رايىدىكى قوللاش نىسبىتى %13 بولغان، %30 كىشى ساركوزىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved