جاڭ چۈنشيەن تۇرپان ۋىلايىتىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ : ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن تۇرپان ۋىلايىتىدە 2–ئۆكتەبىردىن 3–ئۆكتەبىرگىچە مەركەزنىڭ تەدبىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 20–ئاۋغۇستتىكى يىغىنىنىڭ روھىنى ، ئۆزى 8–سېنتەبىر يەكەن ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم بايرامدا دەم ئالماي ئىشلەۋاتقان كادىرلار بىلەن ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ، مۇسۇلمانلارغا ھېيتلىق سالام يوللىدى .
يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قاتناشنى باشلاپ ، ئاممىنى ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن مەنپەئەتلەندۈرەيلى


جاڭ چۈنشيەن 2–ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ئۈرۈمچى چاتما دىۋېگاتىللىق پويىز ئورنىغا كېلىپ ، سىناق تەرىقىسىدە قاتنىغان لەنجۇ–شىنجاڭ يولۇچىلار مەخسۇس چاتما دىۋېگاتىللىق پويىزىغا ئولتۇرۇپ تۇرپان شەھىرىگە باردى .


جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 50 مىنۇتتىلا تۇرپان شىمالىي پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ باردى ۋە پويىزدىن چۈشۈپلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلىۋەتتى ، شۇ يەردە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يارغول خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت پورتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ، تۇرپاننىڭ تۆمۈريول ، تاشيول ، ئاۋىياتسىيە ‹‹نۆل ئالمىشىش ›› ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم دۆلەت بايرىمىدا دەم ئالماي ئىشلەۋاتقان ئىشچى–خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى ، تۆمۈريول ئىشچىلىرىنى ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلىپ ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

 


مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى قۇتلۇقلىدى

 


قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ، جاڭ چۈنشيەن تۇرپان شەھىرى يار يېزىسى يارغول كەنتىنىڭ خاسلىققا ئىگە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تۈرى بولغان يارغول كېچىك بازىرىغا باردى ، بۇ جايدىكى قويۇق يەرلىك مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان كىچىك بىنالار يارقىن مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ ، كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى . شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بۇ چىرايلىق يېڭى ئۆيلەرگە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كۆچۈپ كىرەتتى، بۇ كۆپچىلىك ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قۇربان ھېيتلىق سوۋغا ئىدى.


جاڭ چۈنشيەن پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسى تۇيۇق كەنتىگە بېرىپ ، دېھقانلارنى يوقلىدى . كەنت ئاھالىسى تاجىخان بىر قاراپلا جاڭ چۈنشيەننى تونۇۋالدى ھەم خۇشال ھالدا : جاڭ شۇجىنىڭ ئۆيىمىزگە كېلىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن . بۈگۈن مەن ئەڭ خۇشال بولغان كۈن بولدى ، خۇددى قۇربان ھېيت ئالدىغا سۈرۈلگەندەكلا تۇيۇلدى ، دېدى . جاڭ شۇجى ئۇنىڭ قۇربان ھېيتىنى قۇتلۇقلىدى.

 


ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش كېرەك


ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى .


جاڭ چۈنشيەن توقسۇن ناھىيەسى بوستان يېزىسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش بازىسىنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كەلدى . بۇ يەرنىڭ قۇرغۇچىسى گۈلئايشەم مەمەت ئانىسىنىڭ تەسىرى بىلەن 20 يىل ھىجاب كىيىپ يۈرگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھىجابىنى تاشلاپ، گىلەم توقۇشنى ئۆگەندى. گۈلئايشەم مەمەت مۇنداق دېدى: ھىجابنى تاشلىۋەتكەندىن كېيىن، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىدىغان بولدۇم .

گىلەم توقۇپ نۇرغۇن پۇل تاپتىم . گۈلئايشەم مەمەتنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۇنىڭ ئۇلپەتداشلىرىدىن 11 ى ھىجابىنى تاشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە گىلەم توقۇشقا كىرىشتى. جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئەمگىكىگە تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىشىغا رىغبەتلەندۈردى.
جاڭ چۈنشيەن توقسۇن ناھىيەسىدىكى 300 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە مەدرىس مەسچىتىگە بېرىپ، بۇ مەسچىتنىڭ 87 ياشلىق ئىمامى كېۋىر توختىنى يوقلىدى ھەم ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ، ئۇنىڭغا دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جېكىلىدى.

 


زەربە بېرىشتە قاتتىق بولۇش ، تەربىيەلەپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك

 


جاڭ چۈنشيەن پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدىكى بازارلىق ساقچىخانىغا ئاتايىن بېرىپ ، ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرىدىن ھال سوراپ ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي مەشىقىنى كۆردى ھەم بازارلىق ھۆكۈمەت ، يېزا–بازار ، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە تەجرىبە–ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، ئاجىز نۇقتىلارنى تەكشۈرۈپ تېپىپ ، خىزمەتلەرنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرلىكتە يەكۈنلەپ چىقتى.


جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى : 2013–يىلى ‹‹ 23–ئىيۇن ›› ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، تۇرپان ۋىلايىتى، پىچان ناھىيەسى ، لۈكچۈن بازارلىق پارتكوم ئەستايىدىل ئويلىنىپ ، ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ چىقتى . كېيىنكى قەدەمدە زەربە بېرىشتە قاتتىق بولۇش ، تەربىيەلەپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ ، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ؛ خەلق ئۈچۈن ھاكمىيەت يۈرگۈزۈش ، ئاممىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش ، ياخشى ئىش قىلىپ ، ھەر مىللەت خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك .

 


تىپنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك

 


جاڭ چۈنشيەن 3–ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن تۇرپان ۋىلايىتى ، تۇرپان شەھىرى ، پىچان ناھىيەسى ، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى .
جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ، ساياھەت مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى خاسلىققا ئىگە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ نادىر نۇسخىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش خىزمەت تەسەۋۋۇرى بويىچە تىپنى ئۆزگەرتىپ ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى يوللىرىنى تېپىپ چىقتى . تۇرپان ۋىلايىتى ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ، قۇرۇلما تىپىنى ئۆزگەرتىش، شىنجاڭنىڭ ‹‹مېھمانخانىسى ›› بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك .


تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې ، شيۇڭ شۈەنگولار بىللە بولدى.



10-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندونېزىيە ئاسېخ ئۆلكىسى (Aceh)، شۇ كۈنى ئاسېخ ئۆلكىسىدىكى ساقچى تەرەپ چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن 7.9 توننا پىيازغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەلۇم ئەتكەسچى بۇ ...
27-04-2016
    رۇسىيە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ دانلىق زىئارەت ھەمدە ياسالما مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 10 مىليون 1...
26-04-2016
  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 26-ئاپرېلدىن 5-مايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى قوي ۋە كالا گۆشىنى بىۋاستە ساتىدىغان 13 نۇقتىدا سېتىش تېزلىتىلىپ، قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 39.8 يۈەن، كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 47 يۈەندىن سېتىلىدىكەن.    ...
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
Powered by Leglek