شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا مۇشۇ ھەپتىدە داۋاملىق يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى ، بورتالا ۋە شىمالىي شىنجاڭنى بويلىغان تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھۆل-يىغىن بىر قەدەر كۆپ بولىدىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، 9-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 گىچە غۇلجا ناھىيەسى ، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق 15 رايوندا ياغقان ھۆل-يىغىننىڭ مىقدارى 10 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن .
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى باش مەلۇماتچىسى لى رۇچىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، بۇ قېتىملىق ھۆل-يىغىننىڭ تەسىرىدە ، شىمالدا ھاۋا بىر قەدەر سوغۇق بولۇپ ، جەنۇبتا ھاۋا بىر قەدەر ئىسسىق بولىدىكەن . شۇڭا ئىللىق ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە ھۆل-يىغىن مىقدارىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولىدىكەن . 10-نويابىر كۈندۈزدە ھۆل-يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك چۈشىدىكەن .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 8-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، سائەت 21:00 دىن باشلاپ يامغۇر ياغقان . تېمپېراتۇرىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ ، 9-نويابىر سەھەر يامغۇر ئارىلاش قارغا ئۆزگىرىپ ، 9-نويابىر سائەت 17:00 گىچە ھۆل-يىغىن مىقدارى 17.7 مىللىمېتىرغا يەتكەن .
ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، 10-نويابىر يامغۇر ئارىلاش قار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃ 6- قا چۈشىدىكەن .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved