ئايتمۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن نەق پۇللار
شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئەسلىدە نورمال بىر ئىش، بىراق سىز بەش يۈەن، 10 يۈەنلىك نەق پۇللار قاچىلانغان سومكىنى كۆتۈرۈپ ئاپتوموبىل سېىۋالغىلى كەلگەن كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ 21-مارت، ئايتمۇھەممەد مۇشۇنداق ئىككى سومكا نەق پۇلنى كۆتۈرۈپ 4S دۇكىنىغا ئاپتوموبىل سېتىۋالغىلى كەلدى، سېتىش خادىمى بۇنى كۆرۈپ ئاغزىنى ئېچىپ ھاڭ-تاڭلا قالدى، مالىيە خادىملىرىمۇ ‹‹قوللىرىنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغۇچە›› 40 نەچچە مىنۇت پۇل سانىدى.
21-مارت چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ‹‹خېڭدا شۇنتوڭ›› ئاپتوموبىل سېتىش چەكلىك شىركىتىدىكى سۇ جىيوڭ ئاپتوموبىل سېتىۋالغىلى كەلگەن ئايتمۇھەممەدنى كۆتۈۋالدى. مالىيە ئىشخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن خىزمەتچى خادىملار ئايتمۇھەممەدكە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۈچۈن جەمئىي 195 مىڭ يۈەن تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئايتمۇھەممەد بەش، 10 يۈەنلىك نەق پۇل قاچىلانغان ئىككى سومكا پۇلنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى.
ئايتمۇھەممەد تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسىدىن بولۇپ، سودا ئېھتىياجى تۈپەيلى ئالايىتەن ئۈرۈمچىگە ئاپتوموبىل سېتىۋالغىلى كەلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بېجىرگىنى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ پۇل ئامانەت كارتىسى بولماستىن، پۇل ئامانەت كېنىشكىسى بولۇپ، پۇل ئالغىلى بارغاندا بانكا خىزمەتچىسى پەقەت بەش، 10 يۈەنلىكلا پۇلنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان، شۇڭا، ئۇمۇ ئامالسىز مۇشۇ پۇللارنى ئېلىپ، بىر كۈن يول مېڭىپ ئۈرۈمچىگە ئاپتوموبىل سېتىۋالغىلى كەلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved