يەرشارى تورى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ 11-يانۋار شىزىئوكا ناھىيەسىدىكى فۇجى قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، بوۋىسى نوبوسوكى ۋە ئاتىسى ئابى جىنتەيلاڭنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ھوقۇق تۇتۇش جەريانىدىكى نەتىجىلىرى ۋە بېلەت تاشلاشتىن كېيىن 97-قېتىملىق باش ۋەزىر بولۇپ سايلانغانلىقىنى، ھەمدە 3-قېتىم ئىچكى كابېنت قۇرغان ئەھۋالنى دوكلات قىلغان.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابې شىنزۇ قەبرە يوقلاپ بولغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: مەن قەبرە ئالدىدا قەسەم قىلىپ 2015-يىلى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، 2015-يىلىنى ئۇرۇشتىن 70 يىل كېيىنكى ئەھمىيەتلىك بىر يىل قىلىشقا تىرىشىمەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئابې شىنزۇنىڭ بوۋىسى نوبوسوكى گەرچە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى 1-دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى بولسىمۇ، بىراق ئۇرۇشتىن كېيىن قۇرۇلغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئۇ 1957-يىلى ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ سايلانغان. 1960-يىلى نوبوسوكى خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي، ئامېرىكىدا «ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئامېرىكا-ياپونىيە ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىغا ئاساس سالغان. نوبوسوكى 1987-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابې شىنزۇنىڭ ئاتىسى ئابى جىنتەيلاڭمۇ ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان ، جامائەتچىلىكنىڭ ئېيتىشىچە ئابې شىنزۇ جەمەتىدىكى 3-ئەۋلاد سىياسەتۋاز بولۇش سۈپىتى بىلەن، بوۋىسىنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئۈلگىسى قىلىپ، بوۋىسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەتىجىلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved