قىشلىق يۆتكىلىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى چوڭ كۇلۇبلار ئادەم سېتىۋېلىشنى باشلىۋەتتى. ئەزەلدىن «پۇل كەم» بولمىغان مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبىمۇ بىرقانچە توپچىنى نىشانلىغان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن مانچىستىر شەھىرى بىلەن يېقىن ماڭغان گېرمانىيەلىك ياش توپچى سانېيدىن باشقا، خان مادرىتنىڭ 23 ياشلىق تالانتلىق توپچىسى ئىسكومۇ مانچىستىرنىڭ مۇھىم «ئولجىسىغا ئايلانغان».
ئېگىلىنىشىچە، مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ ئەمەلدارى سۇرىيانو ئاللىبۇرۇن مادرىتقا بېرىپ، خان مادرىت يۇقىرى قاتلىمى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، خان مادرىتقا ئىسكو ئۈچۈن 40 مىليون فونىستېرلىڭ باھا چىقىرىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. پەقەتلا خان مادرىت خالىسىلا، بۇ سودا كەلگۈسىدىكى بىر ئاينىڭ ئىچىدىلا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ئىسكومۇ خان مادرىتتىن ئايرىلىپ، يېڭى مۇھىتتا توپ تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
بۇيىل 23 ياشقا كىرگەن ئىسكو بۇيىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 13 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 1 توپ ئۇرغان ۋە 3 توپ پاس چىقارغان، لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يېقىنقى 5 مەيدان مۇسابىقىدە ئىسكو پەقەت 12 مىنۇتلا مەيدانغا چىقالىغان، مۇشۇ سەۋەبمۇ ئۇنى خان مادرىتتىن ئايرىلىش نىيىتىغا كەلتۈرگەن.
ئەگەر بۇ سودا ئەمەلگە ئاشسا، ئىسكو مانچىستىر شەھىرىنىڭ ئاساسلىق تەربىيەلەيدىغان ئوبىيكتىغا ئايلىنىدۇ، ھەمدە دېبۇرىين، سىتىرلىڭ قاتارلىق ياش توپچىلار بىلەن يېڭى ھۇجۇم سىزىقى پەيدا قىلىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved