جۇڭشىن ئاگېنتلىقى 18 – دېكابىر كۇئالامپۇردىن بەرگەن تېلېگراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى بىر نەپەر 39 ياشلىق مالايسىيالىق ئەر ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئەسەبىي قۇراللىق تەشكىلات ‹ئىسلام دۆلەتى › گە (isis) قاتناشماقچى بولغاندا ساقچى تەرەپ ئۇنى قولغا ئالغان . مالايسىيا تەرەپ ھازىرغىچە جەمئىي 46 نەپەر isis قۇراللىق ئەسەبىي تېررورچى تەشكىلاتقا مۇناسىۋەتلىك كىشىنى قولغا ئالغان .
ساقچى تەرەپ 17 – چىسلا سەھەردە كۇئالالۇمپۇر خەلقئارالىق ئايرودرومدا بۇ ئەرنى قولغا ئالغان .
مەملىكەتلىك ساقچى باشلىقى كارا مۇنداق دېدى :مەن ئىشىنىمەنكى بۇ ئەر بىرۇنېينى سەكرەش تاختىسى قىلىپ ، ئاندىن تۈركىيەگە ئۇچۇپ بارىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا سۈرىيىگە بېرىپ isis غا قاتنىشىدۇ .
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ جىنايەتچى ئامان سىياسىي بۆلۈمىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش گۇرۇپىسى تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان . ئۇ قولغا ئېلىنغان ۋاقىتتا ئۇ ئۆزى يالغۇز ئىكەنلىكى . ھازىرغىچە ساقچى تەرەپ 46 نەپەر قۇراللىق ئەسەبىي تەشكىلاتقا قاتناشماقچى بولغان ياكى ياردەم بەرگەنلەرنى قولغا ئالغان .
كارانىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ساقچى تەرەپ ھەر ۋاقىت چەتئەلدىكى قۇراللىق ئەسەبىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە قىلغان سەخىس ياكى تەشكىلاتلارنى قاتتىق كۆزىتىدىكەن . ھەر شەكىلدىكى مالايسىيادىن پايدىلىنىپ سۇرىيە قۇراللىق ئەسەبىي تەشكىلاتقا قاتنىشىپ ، ھەر قانداق دۆلەت بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ناھايىتى ئېغىر جازا بىرىدىكەن .
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved