دۇنيادىكى تۇنجى 3D ئاپتوموبىل نيۇيوركتا پەيدا بولدى
10-10-2014
0
2111
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
thumb

يېقىندا ، 3D بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسىدا بېسىپ چىقىرىلغان دۇنيادىكى تۇنجى ئاپتوموبىل ‹‹ StellaDi ›› نيۇيورك كوچىسىدا پەيدا بولدى . ئۇنى ياسىغان ‹‹ يەرلىك ئاپتوموبىل ›› شىركىتى كىشىلەرنى ھەيدەپ سىناپ بېقىشقا ئۈندىدى .

 

ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئاپتوموبىلنى بېسىپ چىقىرىشقا پەقەت 44 سائەتلا كەتكەن بولۇپ ، ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي كاربون تالاسى ۋە پلاستىك (سۇلياۋ) ماتېرىيالدىن ياسالغان ، پۈتۈن ئاپتوموبىلغا پەقەت 3500 دوللار قىممىتىدىكى 40 دانە زاپچاس ئىشلىتىلگەن .

بۇ ئاپتوموبىلغا 3.5 سائەت توك قاچىلىنىپ ، تەخمىنەن 100 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرەلەيدىكەن ، سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 80 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن .

 

 

سىرتقى قۇرۇلمىسى جەھەتتە، ‹‹Stella Di››نىڭ سىرتقى قاپلىمىسى ئاق-قارا رەڭلىك خۇرۇم بولۇپ، ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ناھايىتى ئېنىق. ئۇ شەكىل جەھەتتە مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، تەگلىكىمۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىغا ئوخشاش ناھايىتى تۆۋەن. ئاپتوموبىلنىڭ يان تەرىپىدىكى 3D بېسىپ چىقىرىلغان قەۋەتلەر ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، بېسىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن سىلىقلانغان. ئاپتوموبىل كىشىگە سۇلياۋ ئاپتوموبىلدەك تەسىر بەرسىمۇ، بىراق يەنىلا ناھايىتى پۇختا.

 

ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسغا كەلسەك ، ئۇنىڭغا بىر جۈپ ناھايىتى راھەت قىزىل رەڭلىك ئورۇندۇق سەپلەنگەن ، ئىككى ئورۇندۇق ئارىسىغا ۋە ئالدىغا ھەقىقىي ئاپتوموبىللاردا بولىدىغان نەرسە قويۇش ئورنى ئاجرىتىلغان .

 

 

 



خەتكۈچلەر:
10-10-2014
0
2111
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
25-03-2015
0
294
thumb
24-مارت مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى 3D تېخنىكىسىدا بېسىلغان ئۇقۇم ئاپتوموبىلى خەينەننىڭ سەنيادا كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى سەنيا سىخەي 3D تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ياساپ چىققان بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى قېپى...
07-03-2015
0
300
thumb
بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .85-نۆۋەتلىك جەنۋە خەلقئارالىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شۇ يەر ۋاقتى 5-مارتتىن 15- مارتقىچە رەسمىي تۈردە جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلدۇ .ئەنگىلىيىنىڭ داڭلىق سودىگىرى ئاستون مارتىن مۇسابىقە يولىغىلا ئاتاپ ياس...
05-03-2015
0
213
thumb
85-نۆۋەتلىك جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 5-مارتتىن 15-مارتقىچە شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئاپتوموبىل كۆرگەزمە تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 220 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقا...
02-03-2015
0
461
thumb
يېقىندا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ يولغا چىقىشىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ئەنگلىيەدىكى تۈنجى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل Lutz Pathfinder خەلقى ئالەم بىلەن يۈز كۆرۈشتى. Google شوپۇرسىز ئاپتوموبىل بىلەن ئوخشاش Lutz Pathfinder مۇ سىرتقى كۆرۈنۈشت...
17-02-2015
0
695
thumb
2015-يىللىق تورونتو خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شۇ يەر ۋاقتى 13-فېۋرالدىن 22-فېۋرالغىچە تورونتو كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، كۆرگەزمە مەركىزى 12-فېۋرال تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىلگەن . جۇڭگونىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاپتوموبىل...
24-01-2015
0
817
thumb
2015- يىللىق ۋاشىنگىتون ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 22- يانۋار ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆرگەزمىگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 42 ئاپتوموبىل كارخانىسى قاتناشقان. Cherokee ماركىلىقJeep ، فۇت ماركىلىق پىكا ۋە تۇلپارi8 لار ‹&...
12-01-2015
0
1251
thumb
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8-يانۋاردىن باشلاپ نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرىغا كىرىشتە ئاپتوموبىل ۋە خادىملارنىڭ ‹‹ھەقىقىي ئىسمى›› تىزىملىتىلىدۇ. 8-يانۋار مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى...
11-01-2015
0
790
thumb
  تېڭشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. ئامېرىكا لاسۋىگاس ۋاقتى 5-يانۋار، 2015-يىللىق خەلقئارا ئىستىمال ئىلكترون يەرمەنكىسى تاراتقۇلارغا ئېچىۋىتىلدى. دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىلار كەينى-كەينىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغى...
05-01-2015
0
970
thumb
ئاپتوموبىللار شەھەرچىسى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.كۆپلىگەن ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قىيىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قىيىن تەرىپى ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغاندىن كېيىنكى ئىشلىتىش، ئاسراش، رېمونت قىلىش چىقىمى. ئۇنداقتا ئاپت...
20-12-2014
0
1391
thumb
بىر پورسچې ماركىلىق ( قىممىتى ئون مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ ) پىكاپ 18-دېكابىر سەھەردە شاڭخەينىڭ جىئەن كوچىسىدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ، يول بويىدىكى دەرەخكە سوقۇلۇپ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان ، بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش-يار...
Powered by Leglek