تۇرمۇشتا دائىم يەپ كېلىۋاتقان بەزى بىر كۆكتاتلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ياردىمى بولۇپلا قالماستىن، ۋاقتى كەلگەندە دورىدىنمۇ بەكرەك ئۈنۈم بېرىدۇ.
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مۇھىم ئامىل، قاندا خولېستېرىن كۆپىيىپ كېتىش بولىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا يەر ياڭىقى، پېدىگەن، سېرىق پۇرچاق، پالەك قاتارلىق كۆكتاتلارنى دائىم يەپ بەرگەندە، خولېستېرىن جىگەردىلا سۈمۈرۈلۈپ، ئۆت تۇزى ھاسىل قىلىپ، چوڭ تەرەت ئارقىلىق ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىلىپ، ئورگانىزمدىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ ھەم نورمال سەۋىيەدە كونترول قىلىدۇ.
سەۋزە - قان تومۇرلارنىڭ راۋانلىقىنى ئاشۇرۇپ، قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەكنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ياغلىق تائاملارنى يەپ، بىر، ئىككى سائەت ئىچىدە خام سۇڭپىياز يەۋەتسە، قان تومۇردىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىكەن، شۇڭا تۇرمۇشتا دائىم يەپ كېلىۋاتقان ھەر خىل كۆكتاتلارنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ، ئىلمىي ھالدا يەپ بەرگەندە، ئۇنى دورىغا ئايلاندۇرۇپ، كېسەل داۋالىغىلى بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved