جاھان ئاگېنتلىقى2-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرغا قويغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلشىچە، ئىراق، سۇرىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئەلقائىدە «بازا» تەشكىلاتى ۋە ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 25 مىڭدىن ئاشقان، بۇلارن 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن.
خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدىكى بازا تەشىلاتى پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقان كومىتىت تەييارلىغان دوكلاتتا دېيىلشىچە، چەتئەللىك غازاتچىلارنىڭ سانى 2014-يىلى ئوتتۇرىدىن باشلاپ 2015-يىلى مارتقىچە بولغان ئارلىقتا يۈزدە 71% كۆپەيگەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ مەسىلە يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە غايەت زور ئېغىرلاشقان، شۇنداقلا چەتئەللىك غازاتچىلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە ئوتتۇرا شەرقكە سىڭىپ كىرگەن. ئوتتۇرا شەرقتىكى چەتئەللىك قۇراللىق تېرورچىلارنىڭ سانى 10 مىڭغا يەتمەيدىغان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ھالەتتە 25 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 20 مىڭدىن كۆپ چەتئەللىك غازاتچى سۇرىيە ۋە ئىراققا كىرگەن، ئۇلارنىڭ ئاساسى نىشانى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ۋە بازا تەشكىلاتنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى بولغان نۇسرەت فرونتىغا قاتنىشىش ئىكەن.
دوكلاتتا يەنە، ئافغانىستاندىكى چەتئەللىك غازاتچىلارنىڭ سانى 6500 دەپ كۆرسىتىلگەن، يەنە مىڭلىغان چەتئەللىك غازاتچىلار يەمەن، پاكىستان، لىۋىيە ۋە سومالىدا ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ.
ب د ت نىڭ دوكلاتىدا، چەتئەللىك غازاتچىلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇنىس، ماراكەش، فرانسىيە، روسىيە ۋە بىر قىسىم ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن. دېيىلگەن. مەزكۇر كومىتىت، بۇ چەتئەللىك غازاتچىلار ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىت ۋە خەلقئارالىق بخەتەرلىك مەسىلىسى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ بۇ مەسىلە تېزدىن ھەل قىلىنىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلەپ ، تېرور تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پائال تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ! ئىزدەش ئادرېسى: LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved