شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ئۈرۈمچى ، 18–ماي تېلېگراممىسى . شىنجاڭ ساقچىلىرى يېقىندا ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ، ھۇجۇم قىلىش دېلوسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىدى . بۇ بىر قېتىملىق چېگرا سىرتىدىكىلەر قوماندانلىق قىلغان ، چېگرا ئىچىدىكىلەر ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ، تېررورلۇق خاراكتېرىنى ئالغان پارتلىتىش دېلوسى ئىكەن .
‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ›› نىڭ ئەزاسى ئىسمايىل يۈسۈپ چېگرا سىرتىدا تۇرۇپ ئۈرۈمچىدىكى زوراۋان، تېررورلۇق ۋەقەسىنى پىلانلىغان . ئۇ بۇ يىل 22–ئاپرېل بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، شىنجاڭدىكى ئەخمەتجان رېشىت قاتارلىق ئون نەچچە كىشىگە قوماندانلىق قىلىپ ۋەزىپىلىرىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ، پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى ياساپ ، دېلو سادىر قىلىش ئوبيېكتىنى تاللىغان . 30–ئاپرېل سائەت 10:7 لاردا سەدىردىن ساۋۇت ، مەمەت ئابدۇللا ھېيت قاتارلىق ئىككى زوراۋان ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغىغان ، ئۇ ئىككىسى پارتلاشتا ئۆلگەن ، بۇ گۇرۇھتىكى قالغان سەككىز ئەزانىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنغان .
ھازىر ، بۇ گۇرۇھنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ 2005–يىلىدىن بۇيان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى . ئىسمايىل يۈسۈپ 2012–يىلى چېگرا سىرتىدىكى ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى›› تەشكىلاتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ كاتتىباشلىقىدىكى زوراۋان ، تېررورلۇق گۇرۇھىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن . ئىسمايىل يۈسۈپ پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەنلىكى ئۈچۈن ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ، 2013–يىلى چېگرادىن ئوغرىلىقچە قېچىپ چىقىپ ، ‹‹ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ›› تەشكىلاتىغا كىرگەن .
ھازىر، ساقچىلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئارقىلىق ئىسمايىل يۈسۈپنى تۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved