ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى شەھەر دونېتسكتىكى نەچچە يۈز رۇسىيە تەرەپدارلىرى 27-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئوبلاستلىق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىناسىنى ئىگىلىۋالغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، نامايىشچىلار دەرۋازىنى بۇزۇپ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىناسىغا بۆسۈپ كىرگەن، بىنانىڭ يېنىدىكى 30 نەپەر ئۇكرائىنا ساقچىسى بىر چەتتە قاراپ تۇرۇپ، كۆز ئالدىدا يۈر بەرگەن بۇ ئىشلارغا ئارىلاشمىغان.
500 نەپەر رۇسىيە تەرەپدارى بىنانىڭ ئالدىدا «سلاۋيانسك قەھرىمان شەھەر»، «كيېۋ دونېتسكنى باشقۇرالمايدۇ» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ، بىنا ئۈستىگە «دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ بايرىقىنى قادىغان . نامايىشچىلار يەنە ئۇكرائىنا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىلىرىنى توختىتىپ، رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىسىنى تارقىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە تەرەپدارلىرى بىر قانچە كۈن بۇرۇن دونېتسكتىكى لېنىن مەيدانىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆزلىرىگە سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرمەي، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى توغرا خەۋەر قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى شەھەر دونېتسكتىكى نەچچە يۈز رۇسىيە تەرەپدارلىرى 27-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئوبلاستلىق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىناسىنى ئىگىلىۋالغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 8-ماي، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ جايدىكى ئامما يىغىلىپ قىسقارتىش قانۇن لايىھەسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن بولۇپ، ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئانىلار بايرىمى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ كۈندە ۋىدىيو ئارقىلىق ئانىسى ۋە ئايالى مىچىلغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تەبرىك سۆزى قىلغاندا، بارلىق ئان...
|
![]() |
ھىندسىتاننىڭ مانىپۇر شىتاتىدىكى ئانىلار بازىرى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئايال سېتىقچىلار مەركىزىگە ئايلانغان.
ئانىلار بازىرى شۇ جايدىكى سېتىقچىلار مەركىزى ۋە سودا مەركىزى بولۇپ، ھىندىستانلىقلار بۇ ...
|
![]() |
ھازىرقى ئەھۋالدا ھىلارى ئۇتۇپ چىقىدۇ
ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى رەقىبى كىرۇز ۋە كاسىچ ئارقا - ئارقىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، يەر-مۈلۈك ماگناتى ترامپ 2016 - يىللىق ئامېرىكا جۇمھۇ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved