ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر تازلاش شەربىتىنى تەييارلاشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلار

شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە سەككىز تۈركۈم 650شىشە تارقىتىپ بولدۇق .تىۋىپلىرىمىز بۇ شەربەتنى ياساشقىمۇ خېلى پىشىپ قالدى ۋە بىر قاتار ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئىگەللىدى .تۆۋەندە بۇ رېتسىپنى تەييارلاشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .بىرزات ۋە تۆت تادۇ ۋەكىللىكىدىكى ئىزدىنىش تىۋىپلىرى تولۇقلاپ قويسا .

 


1.بەزى قېرىنداشلار تېلىفۇن قىلىپ شەربەت كۆپ كۆك چىقىپ قالدى دىدى .بىلىشىمىزچە بۇنىڭ سەۋەبىي بىرسى سامساقنى سىقىپ قويۇپ ،دەرھال شەربەتكە ئارلاشتۇرماسلىق .يەنى سامساق سۈيىنى ھاۋا بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئۇچىراشتۇرۇپ ئوكسىدلىتىۋېتىش .تەكلىپىمىز شۇكى سىز سامساقنى ئەڭ كېيىن سىقىڭ ۋە سىقىپ بولۇپلا دەرھال قازاندىكى ئارلاشمىغا ئارلاشتۇرۋېتىڭ .ئاندىن ئوتنى ئاچسىڭىز بولىدۇ .يەنە بىرسى يالغان ھەسەل ياكى سۈپۈتسىز ھەسەل ئىشلىتىۋالسىمۇ كۆك چىقىپ قېلىشى مۇمكىن .لېكىن مېنىڭ تەۋسىيەرىم شۇكى كۆك چىقىپ قالسىمۇ ئانچە چوڭ چاتاق يوق .ھەرگىز تۆكىۋەتمەڭ .چۈنكى قوشۇلغان رېتسىپلار يەنىلا ئاشۇ سامساق زەنجىۋىل ئالما ئاچچىسۈيى،لىمون شەربىتى بولغاچقا تۆكىۋېتىپ ئىسراپ قىلىۋەتكەندىن ئىچىۋەتكەن تۈزۈك .كىلەركى نۆۋەت ئۆلچەملىك ياسىسىڭىز بولىدۇ .

 


2.لىموننى تاللاشتا بىخەستىلىك قىلىش .بەزىلەر تەننەرخ تىجەيدىغانغا بەك ئەرزان لىموننى ئىشلىتىدىكەن .بىزنىڭچە لىموننى تاللاپ قىممەت بولۇشتىن قورۇقماي ياخشىسىنى بولۇپمۇ ئىمپورت قىلىنغان لىموننى ئىشلەتكەن تۈزۈك .چۈنكى بىر باسقۇچ ئىشلەش ئۈچۈن ئېشىپ كەتسە 600 سومغا بارىدۇ .بۇ يەنىلا نونىدىن ئەرزان .ئەگەر بىر ئىككى باسقۇچتا ساقىيىپ كەتسىڭىز ئويلاپ بېقىڭ قانچىلىك پۇل تىجەيسىز ؟بەزىلەر لىموننىڭ شوپىكىنى سويماي سىقىپتۇ .بۇنداق قىلسىمۇ مەسىلە ئانچە يوق .لېكىن لىمون سۈيى پاختىسىمان شۆپەككە سىڭىۋېلىپ ،جىق نەرسە سىقىپ چىقىرالمايسىز .شۇڭا شۆپەكتىكى سۇنى كۆزلىمەي ئىچىدىكى سۇنى كۆزلەڭ . شۆپەكنى سويۋېتىپ ئاندىن سىقىڭ .

 


3.زەنجىۋىل تاللاشتا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز .پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى زەھەرلەشتىن يانمايدىغان ھېلىقىلار ،بىز سەي ئورنىدا يەۋاتقان  زەنجىۋىللەرنى چىرىتماس دورىغا چىلايدىكەن .بۇ ئېچىلىپ كەتكەن مەخپىيەتلىكمىش .قىززىق يېرى بۇ زەنجىۋىلنى ئۇلار ئۆزلىرى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەيدىكەن .قانداق خەق بۇ ؟
شۇڭا سىز سەي توپ بازىرىغا بېرىپ ،ياخشى سۈرۈشتۈرسىڭىز دورىغا چىلىمىغان زەنجىۋىلنى تاپالايسىز .ئەڭ ياخشىسىنى ھېلىقىلار بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى سەيچى بىلەن بىللە سەي توپ بازىرىغا چىقىپ ،شۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن سېتىۋېلىڭ .

 


4.يەنىلا شۇ سامساق .ھەرگىز پارنىك سامسىقى ياكى ئاسان سويۇلدىغان ھېلىقى سامساقنى ئالماڭ .ئەڭ ياخشىسى تاغ رايونىدا ئۆستۈرگەن ،ھېچبولمىغاندا ئۈستى ئوچۇق ئېتىزدا ئۆستۈرگەن يەرلىك سامساق ئىشلىتىڭ .بولسا ئۆز يۇرتىىڭىزدا ئۆستۈرگەن سامساقنى تاپالىسىڭىز شۇ ھەممىدىن نوچى .سامساقنى سىقىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئاغرىق ،چوپاق يەرلەرنى پاكىز ئېلىۋېتىڭ ياكى بۇنداق سامساقنى سىقماي سەردارلىرىنى سېلىپ سىقىڭ .

 


5.سىقىلغان ھەننىۋاسىنى قازانغا سالغاندىن كېيىن دەسلەپتە كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىۋالىسىز .قاينىغاندىن كېيىن دەرھال ئاجىز ئوتقا ئالماشتۇرۇپ ،قازننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىۋېتىسىز .بىر تال ئۇزۇن تاياق تېپىپ ،ياكى بىر تال چوكىنى ئەكىلىپ قازانغا چۆكتۈرۈپ ،ھۆل بولغان يەرگىچە بەلگە قىلىۋالىسىز .ئاندىن ھۆل بولغان يەرنىڭ ئوتتۇرىنى بەلگە قىلىۋالىسىز .بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەپ ،قازاندىكى شەربەتنى قاينىتىپ دەل ئاشۇ ھۆل بولغاننىڭ ئوتتۇرسىغا كەلتۈرمىز .ياكى باشقا ئوسول قوللىنىپ 50پىرسەنت سۈيىنى پارلاندۇرۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .

 


6.ئۆزىڭىزنى ئالدىماي ياخشى ھەسەل ئىزدەپ تېپىڭ.ئەڭ ياخشىسى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مەيدانغا بېرىپ كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ ئېلىپ كېلىڭ .بۇ توغرىسىدا ئارتۇق سۆزلىگىم يوق .بولمىسا ھەسەل ساتىدىغانلارنىڭ گەپ خالتىسىغا ئايلىنىپ قالماي .

 


7.بىر ئۆلۈش ھەسەل بەلكىم شەربەتنىڭ تەمىنى تاتلىقراقمۇ قىلالماسلىقى مۇمكىن .ھەسەل سېلىشتىكى مەقسەت تەمىنى تەڭشەشلا ئەمەس بەلكى تەبىئىتىنى تەڭشەش .شۇڭا تاتلىقراق ئىچەي دىسىڭىز يەنە بىر ئۆلۈش قوشسىڭىزمۇ ياكى شەربەتنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلغان ۋاقىتتا ،ھەسەل قوشۇپ ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ .

 


8.ئاخىرىدا ئېلان

 

 

بىز ئىشلىگەن شەربەت بۇ نۆۋەت تىخىمۇ ئۆلچەملىك چىقتى .سانى 91 بوتولكا .كونا قايىدە بويىچە پۇل سالغانغا مال سالىمىز .يېڭىلىق شۇكى قاتناشنىڭ توشۇش مۇلازىمىتىدىن چاتاق چىقتى .ئۇلار ھېلىقى ئىشتىن كېيىن ئەينەك بوتولكىلىق ،سۇيۇق نەرسىلەرنى ئالمايدىغان بوپتۇ .شۇڭا ئەمىن مال توشۇش مۇلازىمىتىدىن مال سالىمىز .ئۇلار يېقىندا مۇلازىمىتىنى ئۆزگەرتىپ ،توشۇش ھەققىنى ئالدىن ئېلىۋالىدىغان بوپتۇ .مىڭ سۆزلىسەكمۇ بەكا چىقتى .شۇڭا مال پۇلىغا 30كوي توشۇش ھەققىنى قوشۇپ سېلىۋەتكەيسىز .ئەگەر پۇلىڭىز ئېشىپ قالسا قايىدە بويىچە ساندۇقىڭىز ئىچىگە تىقىۋېتىمىز .500مىللىلېتىر 620 گىرام لىق شىشىگە قاچىلاقلىق پۈتۈپ چىقىشى ئەمگەك ھەققىنى قوشماي 60كوي ئۆپچۆرىسىدە سېتىلىش باھاسى 70كوي .شۇڭا جىق پايدا ئەپكەتتىمىكىن دەپ كاللىڭىزنى ئۇپىراتماڭ .بىزنى خەلقىم ئۈچۈن دەپ قەسەم قىلدۇرمىسڭىزمۇ بولىدۇ .

 


مال زاكاس قىلىش تېلىفۇنى 18999036938


بۇ توغرىسىدا تىببى مەسلىھەت ۋە ياساشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 15109027214

 


www.sarwang.com


مەسلىھەت سوراش تور ئادرىسى


.مۇناسىۋەتلىك يوللانمىلار


http://bbs.izdinix.com/thread-57753-1-1.html


يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ ئاددىي رېتسىپى


http://bbs.izdinix.com/thread-57934-1-1.html


ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر ئېچىش شەربىتى ياسالدى


http://bbs.izdinix.com/thread-58496-1-1.html

 

8-تۈركۈمدىكى ئالما سىركىلىك قان تومۇر ئېچىش شەربىتى پىشتى


http://bbs.izdinix.com/thread-58680-1-1.html

 

 



خەتكۈچلەر:
25-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek