ئوباما يولغا قويغان كۆچمەنلەر سىياسىتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 22- نويابىر كەچ پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ كۆچمەنلەر سىياسىتى پىلاننى يولغا قويۇشقا ئائىت بىر قاتار مەمۇرىي پەرماننى جاكارلىدى .ئوباما مۇنداق دېدى.


.ئامېرىكا كولۇمبىيە رادىئو شىركىتى ۋە نيۇيورك گېزىتىدىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ،51 % ئامېرىكىلىق ئوبامانىڭ مەمۇرىي پەرمان ئېلان قىلىش ئارقىلىق كۆچمەنلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى قوللىغان ،باشقا ئەل رايى تەكشۈرۈشىدە مەلۇم بولۇشىچە ئوتتۇرا باسقۇچلۇق سايلامغا قاتناشقان سايلىغۇچىلار ئىچىدە 75 % بېلەت تاشلىغۇچىلار قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ئالاقىدار تەلەپلەر ئۇيغۇنلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكىدا قانۇنلۇق سالاھىيىتى بىلەن تۇرسا بولىدۇ دەپ قارىغان .


ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 11-ئاينىڭ 20-كۈنى كۆچمەنلەر سىياسىتىگە ئائىت بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى جاكارلىدى ،بۇ سىياسەت بويىچە بەش مىليون قانۇنسىز كۆچمەن ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ .بىراق بۇ پىلان پارلامىنېت ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى ،ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بونا ئوبامانى پارلامىنىتنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كۆچمەنلەر سىياسىتى پىلانىنى زورمۇ زور يولغا قۇيۇپ ئىككى پارتىيىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ قارىدى .

بۇنىڭغا قارىتا ئوباما كۆچمەنلەر سىياسىتى پىلانىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن دەپ رەددىيە بەردى .ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بونا شۇ يەر ۋاقتى 21-نويابىر ۋاشىنگىتوندا زۇڭتۇڭ ئوباما جاكارلىغان كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى پىلانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئامېرىكىغا كىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى بۇنىڭ چېگرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،ئۇ ئوبامانى كۆچمەنلەر سىياسىتى مەسىلىسىدە مەمۇرىي ھوقۇقىنى زىيادە ئىشلىتىپ پارلامىنېت بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش تۈزۈلمىسىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى ئۇ مۇنداق دېدى :‹.بۇلتۇر ئوباما ئىككى پارتىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئىدى ،ئەمما بۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىككى پارتىيىنىڭ ھەمكارلىشىش پۇرسىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى ،شۇنداقلا ئۇنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مۇددىتىگە تەھدىت سالدى ،ئوباما ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى قوللايدىغان سايلىغۇچى خەلققە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك ئىدى ،ئەمما ئۇ بۇ كىشىلەرنى ساداسىغا قۇلاق سالمىدى .›


بونانىڭ بۇ ئەيىبلىشىگە ئوباما شۇ كۈنىلا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى ،ئۇ نېۋادا شتاتىنىڭ لاس ۋىگاس شەھىرىدە ئۆزىنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ ئۆزىگە بەرگەن ھوقۇق ئىكەنلىكى ،شۇڭا ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ ۋازا كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .ئۇ پارلامېنتنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ مەڭگۈلۈك قانۇن لايىھىسى بېكىتىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى .ئوباما مۇنداق دېدى :‹مەن كۆچمەنلەر سىياسىتى پىلانىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمەن ،بۇنىڭدىن ھەرگىز ،ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن ،بىز پارلامىنېت بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ مەڭگۈلۈك كۆچمەنلەر سىياسىتى قانۇن لاھىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىمىز ،ئەمما بۇنىڭدىن ئىلگىرى قولۇمدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ كۆچمەنلەر تۈزۈلمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل ھەققانىي بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىمەن ،بۈگۈن سەھەردىن باشلاپ مەن ھەرىكەتكە كەلدىم ›.


ئوباما شۇ كۈنى ئىككى تۈرلۈك زۇڭتۇڭ نوتىسىنى ئىمزالاپ ئاقساراينىڭ نوپۇس ئاتلىغان ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى .بۇ ئىككى خىزمەت كوللېكتىپى يېڭى دۈشمەنلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تېز سىڭىپ كىرىشىنى تەتقىق قىلىدۇ .ۋە ئامېرىكا كۆچمەنلەرنىڭ ۋىزا تىزىملىكىنى يېڭىلاش توغرىسىدىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ بۇ ئىككى خىزمەت كوللېكتىپى 120 كۈن ئىچىدە زۇڭتۇڭغا دوكلات بېرىدۇ .

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
25-11-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek