فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولدى.
ئىسپانىيەدىكى «دۆلەت گېزىتى»تور بىكىتىنىڭ 27-فېۋرالدىكى خەۋىرى:دېمپلوماتىك تىرىشچانلىق27-فېۋرال ئۇرۇش لوگىكىسى ئۈستىدىن غالىپ كەلدى.سۈرىيە خەلقى بەش يىلدىن بويان ئۇرۇش ئازابىنى يەتكۈچە تارتىپ،ئاخىرى تىنىچ تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.گەرچە سۈرىيەدىكى رايۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇرۇش توختىتلمىغان ھەمدە ئانچە-مۇنچە قوراللىق تۇقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ،لىكىن ھۈكۈمەت ئارمىيەسى ۋە ئۆكتىچى قۇراللىقلار سائەت0:00دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىگە رىئايە قىلدى.روىسىيە ھاۋا ئارمىيەسىمۇ بارلىق ھەركىتىنى توختىتىپ،ئۇرۇش توختىتىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان خاتالىقلاردىن مۇستەسنا بولدى.
خەلقئارا ئالاقە ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مۇنداق خەۋەر بەردى:زەمبىرەك ۋە ھاۋا ھۇجۇمى سددالىرى ئاڭلانمىدى،دەمەشەق ۋە ھەلەب شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەر بۇ ئەھۋالغا ئانچە كۆنەلمىگەندەك قىلاتتى.ئادەتتىكىگە ئوخشىمىغان تىنىچلىق ھۈكۈم سۈرگەندىن كىين،شەھەر ئاھالىلىرى كوچىلارغا چىقىپ ئايلاندى،ئۇلار ئەمدى پات-پات ئاسمانغا قاراپ يۈرمەيدىغان بولدى.دەمەشەقتىكى22ياشلىق شەھەر ئاھالىسى مۇنداق دىدى:«بۈگۈن مەن ئىنتايىن خوشال،بۇ مىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان سەھەردە ئويغىنىپ،ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان تۇنجى كۈنۈم».
ئامېرىكىنىڭ دكلەت كاتىپى كېررى ۋە روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تېلىفۇندا كۆرىشىپ،ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان تۇنجى كۈننىڭ ئوڭۇشلۇق باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشەر ئەسەدنىڭ كەلگۈسىدە ئوينايدىغان رولى ھىلىھەم تىنىچلىق سۆھبىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ قالدى.
ھالبۇكى قىسمەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت قىسمەن جايلاردا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ،كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالغان.
لاتىن ئامېركىسى ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگراممىسى:روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىين،روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى«يىشىل رايۇنىغا»ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
روسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا روسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يىشىل رايۇندىكى ھاۋا ھۇجۇمىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلغان.يىشىل رايۇن دىگىنىمىز ئۇرۇش توختىتىشقا قۇشۇلغان قۇراللىق تەشكىلاتلار ھەرىكەت قىلىۋاتقان رايۇننى كۆرسىتىدىكەن.
لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقى،ۋاشىنگىتون،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:ئەمېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما27-فېۋرال مۇنداق دىدى:«ئامېرىكا بىلەن روسىيە بىردەك ئىمزالىغان سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش كىلىشىمى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر،ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇراللىق كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.چۈنكى ئامېرىكا بۇ تەشكىلاتنى تەلتۆكۈس يوقاتمىغۇچە ئۇلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى توختاتمايدۇ.
ئوباما بۇ تېرورلۇق تەشكىلاتىنى مەڭگۈلۈك مەغلۇپ قىلىشتىكى بىردىبىر چارىنىڭ سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇشنى تۈگىتىش ئىكەنلىگىنى،شۇڭا ئاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى چوقۇم توختىتىشى،28-فېۋرالدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دىدى:«بىز سۈرىيە ۋە ئېراقتىن باشقا جايلاردا كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە چارە-تەدبىر قوللىنىپ،ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىمىز».
رېيتىر ئاگېنتلىقى،جەنۋە،28-فېۋرال تېلىگىراممىسى:سۈرىيە ئالىي سۆھبەت كومتېتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دىدى:«گەرچە ئۇرۇش توختىتىشقا مۇخالىپ15ۋەقە يۈز بەرگەن بولسىمۇ،لىكىن سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر داۋاملىق تۈردە ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىگە رىئايە قىلىۋاتىدۇ».
بۇ باياناتچىنىڭ ئېيتىشىچە،ئالىي سۆھبەت كومتېتى ب د ت ھەمدە تىنىچلىق تەرەققىياتىنى قوللاۋاتقان ئەللەرگە روسىيەنىڭ ھەلەب شەھرى ئەتراپىدىكى رايۇنلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغانلىقى ۋە لىۋاندىكى ئاللا پارتىيەسىنىڭ زابادانى بازىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغىرسىدا قارشىلىق بىلدۈرىدىكەن.
روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە ئىستىراتىگىيەلىك باھالاش ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سېرگي27-فېۋرال مۇنداق دىدى:«ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىگە رىئايە قىلىش ئاسانغا توختىمايدۇ،چۈنكى بۇ تۇقۇنۇشقا چېتىشلىق كۈچلەر بەك كۆپ».
ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:«سۈرىيەگە قىزىقىۋاتقان ئەللەر ئوكرائىناغا قىزىقىۋاتقان ئەللەردىن خېلىلا كۆپ.مەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى،سۈرىيەدىكى ھەربىي تەشكىلات دىنى ياكى دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ ئاستىرتىن قولىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاز-تولا مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچى.بەزىلەر تېررىتورىيە مەنپەتىنى،يەنە بەزىلەر سۈرىيەدىكى نىفىتنى،يەن قىسمەن تەشكىلاتلار سۈرىيەدىن ياۋرۇپا بازىرىغا تۇشۇلىدىغان ئېنىرگىيە يوللىرىنى ئېچىش قاتارلىقلارنى كۆزلەۋاتىدۇ».
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved