كونىلاردا «سەھنە ئۈستىدىكى بىر مىنۇت، سەھنە ئاستىدىكى ئون يىل» دەيدىغان گەپ بار، بۇ تىياتىر ئورۇنلىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان ھەقىقىي تەسۋىر بولۇشى مۇمكىن. ئون يىل بۇرۇن، چىرايىدىن سەبىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان چېن جوۋيەن تۇنجى قېتىم كۈنمىڭ ديەنجۈ تىياتىر ئۆمىكىگە كىرگەن، 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بۇ قىزچاق، ئۆمەك باشلىقى گاۋجىننى «ئاپا» دەپ چاقىرغان، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ديەنجۈ تىياتىرى ھاياتىنى باشلىغان.
تىياتىر ئوينىغۇچىلارنىڭ سەھنىدىكى ئەسەرنى مەشق قىلىشىغا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ سەھنە ئاستىدىكى ھاياتى بوران-چاپقۇنغا تولغان، تۇرمۇشى بولسا سەھنىدىكى تۇرمۇشتىن كۆپ ئاچچىق. ئەمما چېن جوۋيەن كىچىك تۇرۇپلا تىياتىر ئورۇنلاشنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر كەسپى قىلىپ تاللىدى. ئۇنىڭ كۈندىلىك ئىش ھەققى ئىنتايىن تۆۋەن، يەنى پەقەتلا 13 يۈەن، بىر قاچا گۈرۈچ ئېشىنى سېتىۋېلىشقا يېتىدۇ. ئون يىللىق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ئۇ نۇرغۇنلىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن بۇ كەسپىدىن ۋاز كېچىپ باقمىدى.
ئەينى چاغدىكى سەھنىدىكى قارا چاچلىقلار، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاللىقاچان ئاق چاچلىقلارغا ئايلاندى. ئون يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 30 غا يېقىن بوۋا-موماي بۇ يەردىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پەقەتلا قايتىپ كەلمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved