CNET تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېڭى نۇسخىدىكى MacBook نى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن. KGI ئاكسىيەسىنىڭ ئانالىزچىسى گو مىڭچى (Ming-Chi Kuo) نىڭ ئېيتىشىچە، ئالما شىركىتى بۇ يل 6-ئايدا MacBook نىڭ مەھسۇلات لىنىيەسىنى يېڭىلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىنتېلنىڭ Skylake ناملىق ئەڭ يېڭى بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلىتىدىكەن.
ئىنتېل شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 9-ئايدا ئېلان قىلىنغان Skylake خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ قېلىنلىقى ۋە ئېغىرلىقىنى %50 كېمەيتەلەيدىكەن، ئىقتىدارىنى بولسا بىر ھەسسە ئاشۇرالايدىكەن، ئۇندىن باشقا، باتارىيە ئۆمرىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرالايدىكەن.
MacBook، بولۇپمۇ يېنىكلەشتۈرۈلگەن MacBook Air ھازىر ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلگەن. بىرلەشمە گەۋدىلىك PC گە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئالما شىركىتى MacBook نىڭ يوشۇرۇن رىقابەتچىسى بولغان iPad Pro نى ئوتتۇرىغا چىقارغان، بۇ تاختا كومپيۇتېرغا 12.9 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، سىرتتىن ئۇلىنىدىغان كۇنۇپكا تاختىسى قوشۇلسا، بىر خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
شۇنداقتىمۇ، MacBook نىڭ ئەۋزەللىكى ئۇنىڭغا قاچىلانغان Mac مەشغۇلات سىستېمىسىدا، iPad Pro گە قاچىلانغىنى بولسا iOS كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى. ئەگەر ئىنتېل Skylake بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنسە، ئۇنداقتا يېڭىدىن ئېلان قىلىنىدىغان MacBook ئابونتلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلىنىشى تۇرغانلا گەپ. مۆلچەرلىنىشىچە، يېڭى بىر ئەۋلاد MacBook گە بولغان بازار ئېھتىياجى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
PC بازىرى كاساتلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئالما شىركىتى بۇ بازاردىكى بىردىنبىر ئىپادىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتقان كومپۇتېر ياساش كارخانىسى ئىكەن. Gartner ناملىق بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 4-پەسىلگە بارغاندا، دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق داڭلىق PC كارخانىلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئوموميۈزلۈك ھالدا تۆۋەنلەيدىكەن، پەقەت ئالما شىركىتىلا بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %2.8 يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved