جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى جۇڭگو ۋە چەتئەلدىكى 10 مەبلەغ سالغۇچىغا %17كە يېقىن پاي ھوقۇقىنى سېتىش ئارقىلىق 45 مىليارد يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. پوچتا بانكىسى 2016-يىلى پېيىنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىدى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى خادىم ھەمدە شىياڭگاڭ بېرژىسىغا سۇنۇلغان بىر ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پوچتا بانكىسىنىڭ تەخمىنىي قىممىتىنى ئۆزى بېكىتكەن 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نىشاندىن ئاشۇرۇۋەتكەن. بۇ سودا مەزكۇر بانكىنىڭ تەخمىنىي قىممىتىنىڭ ھېساباتتىكى قىممەتتىن ئاشۇرۇۋەتتى، لېكىن جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم سودا بانكىلىرىنىڭ بازار قىممىتى نۆۋەتتە ھېساباتتىكى قىممەتتىن تۆۋەن تۇرماقتا.
جۇڭگودىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بىر قىسىم كارخانىلار ھەمدە جۇڭگودىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى ئېنتىرنېت كارخانىسى ئەلى بابا ۋە تېڭشۈن قارمىقىدىكى تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئەڭ ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ۋە ئەڭ ئاكتىپ قېرىلارنى كۈتۈش فوندىلىرىنىڭ بىرى «كانادا قېرىلارنى كۈتۈش فوندى پىلانى مەبلەغ سېلىش كومىتېتى»، دۇنيا بانكىسى قارمىقىدىكى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركىتى، سىنگاپور ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش ئورگىنى Temasek ھەمدە Morgan Stanley قاتارلىق تۆت ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ تىزىملىك جۇڭگونىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋەزىيتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى: ئەلى بابا ۋە تېڭشۈن قاتارلىق شىركەتلەر قارمىقىدىكى بانكا، ھەق تۆلەش ئاپپاراتلىرى ھەمدە مۈلۈك باشقۇرۇش كەسپى ئەنئەنىۋى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى تەمىنلەش كارخانىلىرىغا كۈنسېرى تەھدىت سالماقتا.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved