راك كېسىلىگە گىرىپتار ئانا ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

        11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋەر، خۇاڭلىن، 17 ياش، جياڭشى ئۆلكىسىدىن. دادىسى ۋە ئاكىسى ھاڭۋاقتىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئائىلىسى ئىزچىل نامرات ئىدى. 2009-يىلى خۇاڭلىننىڭ ئاپىسى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئەسلىدىنلا نامرات ئائىلە قوشنىلىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتاتتى. ئاپىسىنىڭ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولماي تۇرۇپلا رەھىمسىز تەقدىر بۇلارغا قايتا چاقچاق قىلدى. 2014-يىلى ئىنىسى خۇاڭخاۋغا غەيرىي ھودكىن لىمفا ئۆسمىسى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى.

      ئىنىسىنىڭ شەھەردە داۋالىنىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاپىسى «قانداقلا ئىش بولسۇن، خۇاڭخاۋنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار» دەپ ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ، ئۆزىنى دەرياغا ئېتىۋالدى. بۇ سەۋەبلىك ئىنىسىدە بېسىم ئېغىر بولغاچقا، دائىم ئۆزىنى ئەيىبلەيتتى. ئۇكىسىغا بۇ ئىشلارنى ئەسلەتمەسلىك ئۈچۈن خۇاڭلىن ئاپىسىنىڭ سۈرىتىنى ياتاق ئۆيگە قويۇپ قويغانىدى.

      ئاپىسى قازا قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خۇاڭخاۋ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ قەرز ئالغان 130 مىڭ يۈەننىڭ ھەممىسى تۈگىدى. 2015-يىلى 8-ئايدا خۇاڭخاۋنىڭ كېسىلى قايتا قوزغىلىپ قالغاچقا، ئاچىسى ئۇنى شاڭخەيگە ئەكىلىپ دوختۇرخانىغا كۆرسەتتى. ئىككى ھەپتىلىك داۋالاشتىن كېيىن خۇاڭخاۋنىڭ بەدىنىدىكى ئۆسمە كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى. ئەمما پۇلنىڭ ھەممىسى تۈگىگەن بولۇپ، پۇل جۇغلىيالماسلىق سەۋبىدىن ئۇلار ئامالسىز دوختۇرخانىدىن ئايرىلدى.

    خۇاڭلىن ئىلگىرى مەكتەپنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئۆيىنىڭ ھەربىر تېمىغا ئېرىشكەن تەقدىرنامىلىرى چاپلانغانىدى. ئەمدىلىكتە بولسا ھەر كۈنى ئۆيىدىكىلىرىگە تاماق ئېتىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ كىرلىرىنى يۇيۇش، ئۇكىسىغا دورا قاينىتىش قاتارلىقلار ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشكەنىدى.

     ئاپىسى ئاغرىق مەزگىلدە تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان خۇاڭلىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ ئىشلەپ، ئۆينىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلانغانىدى. ئاپىسى قازا قىلىپ كەتكەندىن كېيىن ساتىراشخانىدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ، كېسەل ئىنىسى ۋە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، خۇاڭلىن بىلەن خۇاڭخاۋ سىڭلىسىنى ئالغىلى مەكتەپكە كەلدى.

خۇاڭخاۋ ئاچىسىغا ئۆز قولى بىلەن يازغان مويخەتنى سوۋغا قىلدى.



خەتكۈچلەر:
01-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek